تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى بويىچە سىنلىق تەربىيەلەش ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى بويىچە سىنلىق تەربىيەلەش ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، يېزا - بازار، كوچا باشقارمىسى ۋە بىڭتۇەندىكى ئورگان، شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلاردىكى ئالاقىدار خادىملارغا قارىتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى.

گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پىروفېسسور يىن ۋېنۋۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە تەدبىرىنى باش تېما قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا تارقىلىش ئەھۋالى ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك تونۇشتۇردى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاكتىپ مۇداپىئەلىنىش تاكتىكىسىنى تاللىشىدىكى مۇھىم سەۋەبنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، يىن ۋېنۋۇ مۇنداق كۆرسەتتى: قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىدىيەدە بوشاشماي، تەدبىردە بوشاشماي، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تاكتىكىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى بويىچە سىنلىق تەربىيەلەش 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى