تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پىدائىيلارغا «ساغلاملىق ھال سوراش سومكىسى» سوۋغا قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: پىدائىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايون(تۇدۇڭخابا رايون)لۇق ھۆكۈمەت پېڭخۇ يولى مەھەللىسى ۋەندا خۇافۇ ئولتۇراق رايونىدىكى سەككىز پىدائىيلار ۋەكىلىگە «ساغلاملىق ھال سوراش سومكىسى» سوۋغا قىلدى. «ساغلاملىق ھال سوراش سومكىسى»غا ئىسپىرت، دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى قاتارلىق مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى سېلىنغان، بۇ بىر تۈركۈم «ساغلاملىق ھال سوراش سومكىسى» مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تەۋەلىكتىكى 15 مىڭ 500 پىدائىيغا تەدرىجىي تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

پېڭخۇ يولى مەھەللىسىدىكى پىدائىيلارنىڭ سەمىمىي مۇلازىمىتى ۋەندا خۇافۇ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرنى تەسىرلەندۈردى، كۆپچىلىك ۋىيشىن توپىدا ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ پىدائىيلارغا سۇ، ئىچىملىك ئېلىپ بەرمەكچى بولدى، پىدائىيلار سىلىق رەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە رەھمەت ئېيتىش لوزۇنكىسى ياسىتىپ پىدائىيلارغا سوۋغا قىلدى. «خىزمىتىمىز ئاھالىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشسىلا، تارتقان جاپالىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ» دېدى پېڭخۇ يولى مەھەللىسىدىكى پارتىيەلىك پىدائىي شيا نەن.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايون(تۇدۇڭخابا رايون)لۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ياڭ لىڭيۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: رايونىمىزدىكى 15 مىڭ 500 پىدائىي پارتىيەلىك كادىرلار، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئاھالىلەر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، ئۇلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە غايەت زور تۆھپە قوشتى. بىز پىدائىيلار ئۈچۈن ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارغا يۈرۈشلۈك مۇداپىئەلىنىش جابدۇقلىرىنى تولۇق سەپلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتتىكى شەخسىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە توردا پىدائىيلارغا ئالقىش ئېيتىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى قاتناشتۇرۇپ، پىدائىيلارنىڭ شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئالقىش ئېيتىپ، مەدەت بېرىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى