تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىليونلىغان ئائىلىگە نەپ يەتكۈزۈش ___ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئابۇنىچىلار سىملىق تېلېۋىزىيە ۋە كەڭ بەلباغ مۇلازىمىتىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يۇقۇم مەزگىلىدە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، رادىيو-تېلېۋىزىيە سىملىق تېلېۋىزىيە قانال كۆپەيتكۈچ ئورنىتىلغان ئابۇنىچىلار(تور ھەققىنى تاپشۇرمىغان، قەرز بولۇپ توختىتىلغان ئابۇنىچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ھەممىسى سىملىق تېلېۋىزىيە ۋە كەڭ بەلباغ مۇلازىمىتىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولدى.

  بۇ قېتىمقى ھەقسىز تارقىتىش شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن بارلىق ئائىلە ئۇچۇر مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان 251 يۈرۈش قانالنى، قايتۇرۇپ كۆرگىلى بولىدىغان 150 يۈرۈش قانالنى، ھەمتۈرتكىلىك تاللاپ قويۇلىدىغان 120 مىڭ سائەتلىك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، تېلېۋىزىيە كىنو لىنىيەسى، مىللىي تىلدىكى نادىر ئەسەرلەر پىروگراممىسى، بالىلار پىروگراممىسى، ياشانغانلار پىروگراممىسى، توردا تەربىيەلەش، تېلېۋىزىيە كۇتۇپخانىسى قاتارلىق 28 سەرخىل رايون، يەنە 100 مېگادىن ئارتۇق ئېقىمدىكى ھەقسىز كەڭ بەلباغلىق تور بار.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت پۈتۈن شىنجاڭدىكى مىليونلىغان ئائىلىگە نەپ يەتكۈزىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى