تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىي شيا نەن: تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى بەدەن چېنىقتۇرۇش دەپ بىلىپ، چىن كۆڭلىدىن ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق قوللاشقا ئېرىشىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر گۇاڭ شىڭ): «مۇداپىئە كىيىمى تەرلىتىش كىيىمىگە ئوخشايدۇ، ھەر كۈنى ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خىزمىتى قىلىشىمىز بەدەن چېنىقتۇرغانغا ئوخشايدۇ، بۇنىڭدا ناھايىتى ياخشى ئورۇقلىغىلى، بەدەن چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ.» بۇ، 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان پىدائىي شيا نەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتقان سۆزى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى شىپاڭغا «<يۇقۇم> يولىدا سەپەرداش بولدۇق، سىزنىڭ بولغانلىقىڭىزدىن مىننەتدارمەن» دېگەن لوزۇنكا ئېسىقلىق تۇراتتى.

  شيا نەن بۇ يىل 38 ياش، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخانا رايونى) ۋەندا خۇافۇ 1-قارار 2-باغچا ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەزگىلىدە، پارتىيە ئەزاسى بولغان ئۇ ۋە باشقا 14 ئاھالە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ، بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ بىرىنچى تۈركۈمدە تىزىملاتقان پىدائىيسى بولۇپ قالدى. ئۇ ھەر كۈنى پارتىيە ئىزنىكى تاقاپ ئىشقا چىقتى، ئۇ، ۋەندا خۇافۇدىكى ئاھالىلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان «تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يۈگۈرۈش ماھىرى».

  شيا نەن مۇنداق دېدى: بۇ بىر ئايدىن كۆپرەك پىدائىيلار مۇلازىمىتى داۋامىدا، ھەممىدىن كۆپ ھېس قىلغىنىم خۇشاللىق بولدى. بىز باشقىلار بىلەن سەمىمىي پىكىرلىشىپ، كۆپچىلىككە ھەقىقىي ياردەم قىلىپ غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلغىنىمىزدا، نۇرغۇن كىشى چىن كۆڭلىدىن بىزگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىزنى تەسىرلەندۈردى.

  پىدائىيلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئاھالە ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش جەريانىدا پىدائىيلارغا مەخسۇس يېمەكلىك ۋە سۇ ئېلىپ بەردى. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلى پىدائىيلار تەرىپىدىن چىرايلىقچە رەت قىلىنىدى. كېيىن، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئۆزلۈكىدىن مەخسۇس ئىككى لوزۇنكا بۇيرۇتۇپ ياسىتىپ رەھمىتىنى ئېيتتى. لوزۇنكا ئولتۇراق رايوننىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورنىغا ئېسىلدى. بۇنىڭ بىرىگە: «سىلەرنىڭ ئەتراپتىكى دۇنيانى نۇرلاندۇرغىنىڭىلارغا رەھمەت، سىلەرنىڭ بولغىنىڭلارغا رەھمەت، پىدائىيلار» دەپ يېزىلغانىدى.

  ئولتۇراق رايون ئاھالىسى جى شىنچۈن پىدائىيلارغا يازغان رەھمەت خېتىگە: «پىدائىيلار جاپادىن قورقمايدۇ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى بىر-بىرلەپ تەقسىملەپ يەتكۈزىدۇ، بەزىدە ھارۋا سۆرەپ، بەزىدە پىيادە مېڭىپ يەتكۈزىدۇ، پىدائىيلارنىڭ خىزمەت مىقدارىنى ئازايتىش ئۈچۈن، مەن ئامال بار نەرسە-كېرەكنى ئاز سېتىۋالىمەن، زۆۈر بولمىغان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋالمايمەن» دەپ يازدى.

  ھەش-پەش دېگۈچە 30 نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، شيا نەن پىدائىي بولۇش كەچۈرمىشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىم، ئامما ياردەمگە موھتاج بولغاندا ياردەمدە بولۇشۇم كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى