تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەخسۇس بۇيرۇتۇلغان «كۆكتات، مېۋە-چىۋە بولىقى» نېمە ئۈچۈن ديەنزەن قىلىنىدى؟ تۈرى مول، باھاسى مۇۋاپىق بولغاچقا!

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ مىن، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن): «رەھمەت سىزگە، جاپا چەكتىڭىز!» دېدى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) خاۋيۈەن شاڭپىن ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى ۋاڭ دورۇڭ پىدائىي جاڭ چىن سۇنغان «كۆكتات، مېۋە-چىۋە بولىقى» ۋە سەنخۇاڭ توخۇسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن.

  «چۈشتە داپەنجى يېيەلەيدىغان بولدۇق، يۇقۇم مەزگىلىدە، تەلىيىمىزگە پىدائىيلار ئىككى كۈندە بىر تۈرى مول، باھاسى مۇۋاپىق <كۆكتات بولىقى>، <مېۋە-چىۋە بولىقى> ئەكىلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى ۋاڭ دورۇڭ.

شيې شۇدۇڭ(سولدا) بىلەن جاڭ چىن(ئوڭدا) تەقسىملەپ يەتكۈزۈلىدىغان كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ئىستاتىستىكا قىلماقتا.

  ئەسلىدە، ۋاڭ دورۇڭ دەۋاتقان «كۆكتات بولىقى» ۋە «مېۋە-چىۋە بولىقى» بولسا «مەخسۇس بۇيرۇتۇش» ئۇسۇلى بويىچە تارقىتىلىدىغان يۈرۈشلۈك بولۇپ، 40 نەچچە خىل كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە بار ئىدى، ئوخشاش بولمىغان تۈرلەر بويىچە 14 خىل يۈرۈشلۈك بولۇپ، ئاھالىلەر خالىغانچە تاللىسا بولاتتى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئولتۇراق رايوندا ئاھالە كۆپ، ئېھتىياجلىق كۆكتات، مېۋە-چېۋىنىڭ مىقدارىمۇ كۆپ بولغاچقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى(خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشخانىسى)نىڭ نېفىت يېڭى كەنتى تەۋەلىك رايونى جىنيۈ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئەڭ دەسلەپكى قارىسىغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈلىدىغان «كۆكتات، مېۋە-چىۋە بولىقى»نى ئۆزگەرتىپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كىچىك خالتىلىق قىلىپ ئايرىدى ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ تۈرى كۆپ، يېڭى، خاتىرجەم كۆكتات، مېۋە-چىۋە يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

جاڭ چىن يېڭىلا توشۇپ كېلىنگەن ئۈزۈمنى تەكشۈرمەكتە.

  پىدائىي جاڭ چىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، A «كۆكتات بولىقى»دا غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، باشپىياز، B «كۆكتات بولىقى»دا ياڭيۇ، سەۋزە، ئاق لوبو بار، ھەر بىر «كۆكتات بولىقى» تەخمىنەن 10 يۈەن ياكى 15 يۈەن بولىدۇ، ئۈستىگە سانى ۋە تۈرى ئېنىق يېزىلىدۇ. «مېۋە-چېۋە بولىقى»دا تاۋۇز، ئەنجۈر شاپتۇل، ئۈزۈم، شياڭجياۋ، ئالما، نەشپۈت قاتارلىق كۆپ خىل مېۋىلەر بار بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ھازىر ھەر كۈنى 1000دىن ئارتۇق مەخسۇس بۇيرۇتۇلغان «كۆكتات، مېۋە-چېۋە بولىقى» ئاھالىلەرنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈۋاتىدۇ.

  بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن پىدائىي شياۋ زۇڭلىن كۈندىلىك كۆكتات يەتكۈزۈش خىزمىتىگە مەسئۇل. «مەن بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 نەچچە <كۆكتات بولىقى> يەتكۈزىمەن، گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن مەن ناھايىتى خۇشال، ناھايىتى مەنىلىك ھېس قىلىمەن، بولۇپمۇ ئاھالىلەر <رەھمەت> دېگەندە تېخىمۇ غەيرەتكە تولىمەن».

ئايرىپ قاچىلانغان «كۆكتات بولىقى».

  «مەخسۇس بۇيرۇتۇش شەكلى ناھايىتى ياخشى، ئىسراپ بولمايدۇ، ھازىر قانداق كۆكتات يېگۈمىز كەلسە شۇنى يېيەلەيمىز، خىزمەت ئەترىتى ۋە پىدائىيلارغا كۆپ رەھمەت» دېدى ئاھالە جياڭ شياۋپىڭ ۋېيشىن توپىدا ديەنزەن قىلىپ.

شياۋ زوڭلىن ئاھالىلەرگە «كۆكتات بولىقى» تەقسىملەپ يەتكۈزمەكتە.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى(خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشخانىسى)نىڭ نېفىت يېڭى كەنتى تەۋەلىك رايونى جىنيۈ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى شيې شۇدۇڭ مۇنداق دېدى: مەھەللىمىزدە 1300دىن ئارتۇق ئاھالە بار، يۇقۇم باشلانغاندىن ھازىرغىچە، بىز ئاھالىلەرگە ئاز دېگەندە 50 توننا كۆكتات، مېۋە-چېۋە يەتكۈزدۇق.

ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ۋېيشىن توپىدا پىدائىيلارغا ديەنزەن قىلدى.

  «بىز ئاھالىلەرنىڭ ديەنزەن قىلغىنىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، بىز تەرتىپنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرگە تېخىمۇ دەل، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى شيې شۇدۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى