تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەمىمىي كۆيۈنىمىز، دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەپ، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوختۇرلار بايرىمى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى −

سەمىمىي كۆيۈنىمىز، دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەپ، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوختۇرلار بايرىمى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپچىلىكنىڭ غېمىنى قىلغۇچىلارنى خەلق چوقۇم ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ. «يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر»گە سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ھەقىقىي تۈردە دوختۇرلارغا كۆيۈنۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى «ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشكە دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ئاجرىتىلغان داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە مەھەللىلەر بىلەن بىرلىكتە، تېلېفون، ۋىيشىن، سىن، ئائىلە زىيارىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرى ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلىدى، نۆۋەتتە بىر تۈركۈم قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئەمدىكى نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق، ئىنچىكە، چوڭقۇر، پۇختا ئىستىل ۋە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ھەرىكىتى ئارقىلىق، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان 4000دىن ئارتۇق «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى» بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ ئايال تېببىي خىزمەتچىلەرگە يەتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىشيا مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئىللىقلىق سۆزى، ئىللىقلىق دەرسى، ئىللىقلىق سومكىسى، ئىللىقلىق ئىشىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت «تۆتنى يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن كۈچى بىلەن تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، ئائىلە مۇلازىمىتى، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، دەرسكە يېتەكچىلىك قىلىش، پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، چىن ھېسسىيات، چىن قەلب بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى ئايال تېببىي خىزمەتچىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ.

جەڭچىلەر ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتتى، كۆيۈنۈش بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالمىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى گۇەن ئەيجۈن مۇنداق دېدى: دوختۇرخانا «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش بىرىنچى سېپىدىكى داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «بىرگە بىر» كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش، دەل جايىدا ئالاقىلىشىش مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىدىيە، خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ ھەم ئىنكاس قىلىنغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى تۈرمۇتۈر ھەل قىلىپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ھەربىر ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى.

قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئۇدا ئون يىل «ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى، ئىش ئورنىدا چېنىقتۇرۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھەر ئايدا يەنە مەخسۇس ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن لېي مۇنداق دېدى: «بىز تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى كەسىپ مۇھىتى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىمىز».

تولى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گۈلناز قاسىمقان مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى، يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان ئالىيجاناب روھىنى ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىپ ۋە خەۋەر قىلىپ، تىرىشىپ پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىمىز.

ئۈرۈمچى شەھىرى خېشۈن گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى نۇربىيە ئوسمان مۇنداق قارىدى: دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەش ھاياتلىقنى ھۆرمەتلەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، كەڭ تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ئۆزىمىزگە كۆيۈنگەنلىك. «بىز دوختۇرغا كۆرۈنگەندە، دوختۇرلارنى كۆپرەك ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇلارغا كۆپرەك ئىشىنىشىمىز كېرەك، شۇندىلا دوختۇرلارغا كۆيۈنىدىغان، دوختۇرلارنى ئاسرايدىغان، دوختۇرلارنى قوللايدىغان ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ».

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار يۈ مېڭرەن، جاڭ يەنفاڭ، لياڭ لىخۇا، گې يوۋجۈن، جاڭ يۈنمېي، مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ بىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى