تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

شۈ چىڭگۇاڭ

يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى نۆل دوكلات قىلىش، دوختۇرخانىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، كېڭەيدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

نەتىجىنى كۆرۈش بىلەن بىللە، يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەنىلا كەسكىنلەشكەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، تېخى «ئارام ئېلىۋالىدىغان، پۇت - قولنى سۇنۇۋالىدىغان» ۋاقىت يېتىپ كەلمىدى. قانچىكى ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا، شۇنچىكى بىرلا غەيرەتكە كېلىدىغان ئىرادە ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان غەيرەت بولۇشى كېرەك، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي يېڭىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئىدىيەدە بىر سۇڭ بوشاڭلىق كۆرۈلسە، ھەرىكەتتە بىر چى چېچىلاڭغۇلۇق كۆرۈلىدۇ. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، قايتا كۆرۈلۈش خەۋپ - خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، سەللا بوشاڭلىق قىلىنسا، ئەجىر يوققا چىقىشى مۇمكىن؛ شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىنسانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى، تارقىلىش قانۇنىيىتى قاتارلىقلارنى تېخى تولۇق ئىگىلەپ بولالمىدى، ۋىرۇسقا قارشى ئۇزاق مەزگىل كۈرەش قىلىش تەييارلىقىنى جەزمەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى، مېھرىبانلىقنى، ئېھتىياتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، ئىستىلدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، كۈرەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى چوقۇم بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە چوقۇم بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى