تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار ئەمەس، شۇنداقلا گۇمانىي ئاغرىق مىسالىمۇ ئەمەس، پەقەت كېسەللىك مىسالىغا مۇناسىۋەتلىك ئاشكارىلىنىش تارىخى ياكى ئۇچرىشىش تارىخى بارلار بولۇپ، يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بار. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ كىشىلەرنى بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوللانغان زۆرۈر تەدبىرى.

مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا، تېببىي خادىملار ھەر كۈنى مۇھىت ۋە تۈرلۈك بۇيۇملارنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ، كەسپىي خادىملار ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەيدۇ، نورمالسىزلىق بايقالسا، بىرىنچى ۋاقىتتا داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا ھاسىل بولغان تۇرمۇش ئەخلەتلىرى قاتتىق كەسپىي دېزىنفېكسىيەلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، بەلگىلەنگەن نۇقتىغا توشۇلىدۇ، ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، شۇنداقلا ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئاساسلىقى ۋىرۇسنىڭ تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىشى ۋە ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، جەزمەن قان، بەدەن سۇيۇقلۇقى، شۆلگەي، تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۆتىدۇ، يۇقۇملانغۇچى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا پاراڭلاشمىسا، بىللە غىزالانمىسا ياكى يۇقۇملانغۇچى چۈشكۈرگەن تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشمىسا، ئادەتتە يۇقمايدۇ. كۆپچىلىك ئەندىشە قىلىۋاتقان ئائېروزوللۇق تارقىلىش ھادىسىسىگە قارىتا، جەزمەن ئۈچ شەرتنى ھازىرلىغاندا ئاندىن يۈزبېرىدۇ، بىرىنچى، بىرقەدەر يۇقىرى ۋىرۇس قويۇقلۇقى بولۇش؛ ئىككىنچى، نىسبەتەن ھىم مۇھىتتا بولۇش؛ ئۈچىنچى، بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت ئۇچراشقان بولۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى