شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى
8 - ئايدىكى شىنجاڭدا مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرگە تارالغانىدى. ھالبۇكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا سېتىلىشى راۋان بولمىدى. قىيىنچىلىق ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بارلىق ئامال - چارىلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ھۆكۈمەت يۆلىدى سىرتقا سېتىش يوللىرى راۋانلاشتى
«شاپتۇللارنى سېتىپ بولۇپ، خاتىرجەم بولدۇم» دېدى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساغان بازىرى نونىڭ ئايغى كەنتىدىكى باغۋەن مەمتىمىن ئېزىز خۇشال ھالدا. 8 - ئاي كىرىشى بىلەن، مەمتىمىن ئائىلىسى ئۆستۈرگەن ئون نەچچە مو يەردىكى يەرلىك شاپتۇل پىشىش مەزگىلىگە كىردى، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش، يۆتكەپ توشۇش خىزمىتى مەخسۇس بەنى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ ئۈزۈش، توشۇش ۋە سېتىش ئىشلىرىغا ياردەم بەردى.
قەشقەر ۋىلايىتىدە بۇ يىل چىلان، ياڭاق، بادام، ئۆرۈك، شىنمېي قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلگەن باغ كۆلىمى 5 مىليون 820 مىڭ مو بولدى. 7 - ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش، يۆتكەپ توشۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم مەخسۇس خىزمەت بەنى قۇرۇپ، كۆپ تەرەپ ماسلىشىپ سىرتقا سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ توشۇش، سېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇناسىپ ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى چىقىرىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا سېتىلىشىغا ئىلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە قەشقەر ئايرودۇرۇمى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى ئەشيا ئوبوروتى شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن كېڭىشىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خاس يېڭى مېۋىلىرىنىڭ ۋاقتىدا توشۇپ چىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
8 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە، قەشقەر ئايرودۇرۇمىدا 60 قېتىمدىن 120 قېتىمغىچە ھۆددىگە ئېلىنغان نۆۋەتچى ئايروپىلان قەشقەرنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى لىق قاچىلاپ شىئەنگە ئۇچۇپ بېرىپ، شىئەن ئارقىلىق ئىچكىرى رايونلاردىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرگە ئايرىپ بۆلۈپ سېتىلىدۇ.
«بىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ھالقىلىرىنىڭ راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش، يۆتكەپ توشۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس بەن مۇدىرى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لو شياڭ.
8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدا سودىگەر چاقىرىش خىزمەت پونكىتىدىن 11نى تەسىس قىلىپ، كارخانا، سودا ساراي، سېتىۋېلىش - توپ سېتىش سودىگىرىدىن 45نى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جەمئىي 1227 توننا مېۋە - چېۋە ساتتى.
8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، غۇلجا ئايرودۇرۇمىدا خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خاس مېۋىلىرىنى توشۇيدىغان تۇنجى ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانى كورلىغا، ئاندىن كورلىدىن چېڭدۇغا قاراپ ئۇچتى.
«ھۆكۈمەتنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، بىز شۇ جايدىكى مېۋە سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ <يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش>ىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىلىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس مېۋىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا سىرتقا سېتىشقا تىرىشتۇق» دېدى غۇلجا ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى ليېجيەن.
ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى ئىشقا سېلىندى مەھسۇلاتلارغا زاكاز بار بولدى
«ھېلىمۇ ياخشى ھۆكۈمەت بىزگە ياردەملىشىپ سېتىش زاكازى ئالاقىلىشىپ بەردى، ئائىلىمىزنىڭ نەشپۈتلىرىنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى» دېدى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىسى يانئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇھەجەر ئىبراھىم خۇشال ھالدا.
بۇ يىل يانئېرىق كەنتىدە 400 مو يەرگە نەشپۈت ئۆستۈرۈلدى، بۇ مەزگىلدە خانىقاتام يېزىلىق ھۆكۈمەت نەشپۈت سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش يولى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.
كۇچا شەھىرىدىكى مېۋە - چېۋە سودىگىرى ئالىم ھۈسەن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بەلگىلىك سىرتقا سېتىش بايلىقىمىز، مال توشۇش يېشىل يولىمىز بار.» ھازىرغىچە، خانىقاتام يېزىسىدىكى بالدۇر پىشىدىغان نەشپۈتتىن 60 توننا ئۈزۈلۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ يەشىكلەرگە قاچىلىنىپ ئىچكىرى رايونلارغا سېتىلىۋاتىدۇ.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىدىن پايدىلىنىپ، كۇچا بۇ يىل نىڭبو شەھىرىدە يېڭىدىن ئىككى سېتىش دۇكىنى كۆپەيتتى، «ئون شەھەر، يۈز دۇكان» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جېجياڭغا سېتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 3000 توننىدىن ئاشتى. بۇ يىل كۇچا شەھىرى يەنە جياشىڭ شەھىرى بالاڭ سودا چەكلىك شىركىتىنى «ئون ئامبار، يۈز كارخانا» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، كۇچانىڭ 10 مىڭ توننا خاس مېۋىلىرىنى سېتىش توختامى ئىمزالىدى.
كورلا شەھىرى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شاڭخەي، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلاردا كورلا نەشپۈتىنى سېتىۋېلىش - سېتىش بويىچە «سىرتقا چىقىرىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئەسلىدىكى شېڭخو تورى باش ئىشتابى، جېجياڭ شىنسىشياڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق مېۋە سېتىش كارخانىلىرى بىلەن نەشپۈت سېتىۋېلىش - سېتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، 87 مىڭ 600 توننا نەشپۈت سېتىۋېلىش - سېتىشنى بېكىتتى. 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، كورلا نەشپۈتىنى سېتىۋېلىش - سېتىش بويىچە «سىرتقا چىقىرىش» پائالىيىتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شۇ كۈنىلا 93 مىڭ توننا كورلا نەشپۈتى زاكازى ئىمزالاندى. بۇنىڭدىن باشقا، خېبېي «مىڭ شەھەر، يۈز دۇكان» سودا سۇپىسىدا، كورلا نەشپۈتىنىڭ زاكاز مىقدارى 40 مىڭ توننىغا يەتتى.
توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش كاپالەتكە ئىگە بولدى
«سىز زاكاز قىلغان 70 توننا ئۇن ھازىر ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ زاۋۇتتىن چىقتى، مۆلچەرىمىزچە ئۈچ كۈن ئەتراپىدا يېتىپ بارىدۇ.» 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خۇامەي شىنلياڭ ئۇن چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ كەي ئەلا سۈپەتلىك گۇچۇڭ ئۇنى لىق قاچىلانغان ئىككى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ زاۋۇت رايونىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال لەنجوۋ شەھىرىدىكى مال زاكاز قىلغۇچى سودىگەرگە تېلېفون قىلدى. «بۇ مەزگىلدە، شىركىتىمىزنىڭ ھەر ھەپتىدە رايون سىرتىغا سېتىلىدىغان بەش - ئالتە زاكازى بار، مىقدارى 100 توننىغا يېقىنلىشىدۇ» دېدى جاڭ كەي.
بۇ بىر نەچچە يىلدا، گۇچۇڭ ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى، بۇنىڭ بىلەن شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش تېز پويىزىغا چىقتى.
2018 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ خۇامەي شىنلياڭ ئۇن چەكلىك شىركىتى توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش ئەندىزىسىنى ئاچتى. ھازىرغىچە، بۇ كارخانىنىڭ بۇ يىلقى توردا سېتىش سوممىسى 3 مىليون يۈەندىن ئاشتى، تور سىرتىدا سېتىش سوممىسى 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكئاغاش يېزىسى ئەسكقۇم كەنتى ئۇخې ئالقات دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ۋېي گوفاڭ تاۋباۋدىكى دۇكىنىنىڭ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇشىنى يېڭىلىدى.
«بىزنىڭ ئالقاتلىرىمىز تاۋباۋدا ناھايىتى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ، يېقىندا خۇبېي، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارنىڭ زاكازلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدۇق» دېدى ۋېي گوفاڭ.
ھازىر، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش، بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قاتارلىق سېتىش ئەندىزىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ سىرتقا سېتىش يولىنى تېپىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز يەتكۈزۈش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا تېز يوللانما خادىملىرىنى ئىشىك ئالدىغىچە ئەۋەتىپ ئېلىۋېلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، جاڭ تىڭ، جەزىرە نېسىپبېك، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ جىخېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ خۇڭلى، جاۋ شۇاڭ، جاڭ شىنيۈەن)