تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پورتقا قوشنا بولۇپ پۇلنى ياخشى تاپتى

تاغدىن كۆچۈپ چۈشۈپ مەھەللىگە ئورۇنلاشتى

پورتقا قوشنا بولۇپ پۇلنى ياخشى تاپتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى

2013- يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تۇيۇن يېزىسى سۆڭەك كەنتىدىكى چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتماقتا.

چارۋىچى تۇرغالى قۇمبا تورغات پورتىدىكى بىر يۈك مەيدانىدا يۈك چۈشۈرمەكتە (6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تارتىلغان).

تورغات پورتىغا قوشنا بولغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى (6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تارتىلغان).

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى تورغات پورتىدىكى بىر يۈك مەيدانىدا، قىرغىز يىگىت تۇرغالى قۇمبا ئىشداشلىرى بىلەن بىللە يۈك ئاپتوموبىلىدىن يۈك چۈشۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. پورتتىكى يۈك مەيدانىدا يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولۇۋاتقان تۇرغالى ھەر ئايدا 5000 - 4000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. تۇرغالى مۇنداق دېدى: قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولغاندىن كېيىنكى كىرىمىم ئىلگىرى قوي باققان چاغدىكىدىن خېلىلا كۆپەيدى.

2017 - يىلى 6 - ئايدىن بۇرۇن، تۇرغالى تاغلىق رايونغا جايلاشقان ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى قىزىل ئېغىن كەنتىدە تۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ۋە كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ يېڭى ئۆيى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى − بايقۇرۇت يېزىسى توپا مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېزا كۆچۈرۈلگەن ھەربىر چارۋىچى ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ يېڭى خىزمەت ئالاقىلىشىپ بەردى، تۇرغالى قاتارلىق 17 ياش - قىران كىشى بىرلىكتە پورتقا بېرىپ يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولدى.

توپا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق تۆركۈنئالى تۇرسۇنمۇ ئىلگىرى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تېرەك يېزىسى قارا تېكە كەنتىدە تۇراتتى، تاغدىن كۆچۈپ چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بىر يۈرۈش 83 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆي تەقسىملىنىپلا قالماي، يەنە 40 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكانمۇ بېرىلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە تۆركۈنئالى ئولتۇراق رايوندا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ. «ئىلگىرى تاغدا تۇراتتۇق، سۇنى توشۇپ ئىچەتتۇق، قىشتا مەشكە ئوت يېقىپ ئىسسىناتتۇق. توپا مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىپ، تۇرمۇشىمىز نەچچە ھەسسە ياخشىلاندى!» دېدى تۆركۈنئالى.

ئورۇزگۈل مەمەتتۇردى ئىلگىرى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تۇيۇن يېزىسى سۆڭەك كەنتىدە تۇراتتى، تىككۈچىلىك قىلالىغاچقا، مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئورۇزگۈل ئۆز ئائىلىسىگە بېرىلگەن دۇكاندا كىيىم - كېچەك دۇكىنى ئاچتى، ئېرىنىڭ ئىشلەمچىلىكتىن قىلغان كىرىمى قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى خېلىلا ئۆستى.

بۈگۈنكى كۈندە، تاغ ئارىسىدىن كۆچۈپ چىققان 136 ئائىلىلىك چارۋىچى توپا مەھەللىسىگە كۆچۈپ كىردى. نامرات چارۋىچىلار يېڭى ماكانغا كۆچۈپ كىرىپ، نامراتلىق ئۇۋىسىدىن كۆچۈش، نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى، تۇرمۇش ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى