تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

8-ئاي ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل، ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى «قول» بىلەن «ئېغىز»نى ياخشى باشقۇرۇش

   يېقىندا يامغۇر كۆپ ياغدى، تېمپېراتۇرا ۋە ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشى تېز، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش-توشۇش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلاردا بۇلغىنىش پۇرسىتى زورايدى، ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىمۇ مۇناسىپ ئاشتى. بېيجىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: 8-ئاي يەنىلا ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىل بولغاچقا، ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى «قول» بىلەن «ئېغىز»نى ياخشى باشقۇرۇش، دەپ ئەسكەرتتى.

   ئۇنداقتا، ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

   1. شەخسىي تازىلىق ۋە ئائىلە مۇھىتىغا دىققەت قىلىش، قاتتىق سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش ھەمدە ئېقىۋاتقان سۇدا قول يۇيۇش كېرەك، بولۇپمۇ تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن، يېمەكلىك تەييارلاشتىن بۇرۇن ھەمدە بوۋاقلار، ياشانغانلار ۋە كارىۋاتتا يېتىپ قالغان ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن بۇرۇن، چوڭ تەرەتنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن چوقۇم قولنى يۇيۇش، مۇھىتنى پاكىزلاش، چىۋىن، سۈۋەرەكلەرنى يوقىتىش كېرەك.

   2. ئىچىدىغان سۇنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش، قايناق سۇ ئىچىش ياكى سۈپىتى لاياقەتلىك بوتۇلكىلىق سۇ ، تۇڭلۇق سۇ ئىچىش كېرەك.

   3. يېمەكلىكنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېمەسلىك، بۇزۇلغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، خام يېمەكلىكلەرنى چوقۇم پاكىز يۇيۇش، خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك؛ بىر تەرەپتىن نەرسە يەپ، بىر تەرەپتىن ئەرمەك ھايۋانلارنى باقماسلىق كېرەك.

   4. دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن دۈملەپ پىشۇرۇش كېرەك، خام يېيىش، چالا پىشۇرۇپ يېيىش، ھاراققا، ئاچچىقسۇغا ياكى تۇزغا چىلىغاندىن كېيىن بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

   5.  خام ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئايرىش كېرەك، يەپ ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا توڭلاتقۇدا ساقلاش كېرەك، ساقلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك، يەنە بىر قېتىم يېيىشتىن بۇرۇن ئىسسىىتىش كېرەك؛ سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە، مۇنتىزىم تاماقخانىلارنى تاللاش كېرەك.

   6. ئىچى سۈرۈپ قالغان بىمارلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، بىمارلار ئىشلىتىپ بولغان قاچا-قۇچا، تەرەت قاچىسى، كارىۋات سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، كېسەللىكنىڭ يۇقۇپ قېلىشى ۋە تارقىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

   7. ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالىنىش، باشقىلارغا يېمەكلىك تەييارلاپ بەرمەسلىك كېرەك.

(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى