
دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خادىملىرى «تولۇق قوراللىنىپ» توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سۇڭ دېيى، خۇاڭ چېڭ خەۋىرى، فوتوسى): پەلەي، ماسكا، كۆز توسقۇچ، مۇداپىئە كىيىمى، توك ئۆتكۈزمەس ئاياغ، بىخەتەرلىك قالپىقى... ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا توك ئىشلىتىش يۈكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېلېكتىر تورى تومۇز كۈنلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. تومۇز ئىسسىق كۈنلەردە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خادىملىرى «تولۇق قوراللىنىپ» توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى، ئۇلار سىرغىپ چۈشكەن تەرلىرى بىلەن بۇ شەھەرنىڭ بىخەتەر توك ئىشلىتىشىنى قوغدىدى.
بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەزگىلىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خادىملىرى، رېمونت قىلىش ئاپتوموبىللىرى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ، مۇھىم لىنىيە ۋە ئەسلىھەلەرنى ئالاھىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ تەكشۈردى، ئالماشتۇرۇش پونكىتى، تىرانسىفورماتور پونكىتى، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلىق سورۇن ۋە ھالقىلىق خادىملارنى يېپىق باشقۇرۇپ، چوڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ قاتتىق تەدبىر ۋە ئەڭ سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئېلېكتىر كۈچى كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.





