ئىلگىرى مەن چوڭ بولغاندا كەشپىياتچى بولۇپ، ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىل كەشىپ قىلىپ، ئاپامنى ئېلىپ دۇنيانى ساياھەت قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.
بىراق، كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇشۇمغا ئەگىشىپ، مەن ھازىر ھەربىي بولۇشنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان بولدۇم، چۈنكى ھەربىي بەك ئۇلۇغ. مەن باتۇرلۇق بىلەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرغان ھەربىي تاغىلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتتىن، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي كۆپچىلىكنى قوغدىغانلىقىنى كۆردۈم؛ مەن يۇقۇم مەزگىلىدە، ھەربىي تاغىلارنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بىزنى قوغدىغانلىقىنى كۆردۈم؛ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ھەربىي تاغىلارنىڭ بايرىمى، شۇ كۈنى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى، بەخت تىلىدى …
شۇڭا، كىچىك ئوغۇل بالا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوڭ بولغاندىن كېيىن مەنمۇ ھەربىي بولۇپ، ۋەتەننى، خەلقنى، ئاپامنى قوغدايمەن.
ئېرفان دىلشات (سۈرەتنى چېن شۆبېي تەمىنلىگەن).
يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ باھاسى: بالىدا بۇنداق غايە بولۇشى ناھايىتى ياخشى، ماقالىنىڭ تىلى راۋان، ئىدىيەسى ياخشى بولۇپ، بالىنىڭ تەسىرلىنىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسى نامايان قىلىنغان.
(ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق 1-سىنىپتىن ئېرفان دىلشات، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: چېن شۆبېي)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى