ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شياۋگاڭ): «شياۋياڭ، سىز بۇيرۇتقان كۆكتاتلار كەلدى، ماسكا تاقاپ چىقىپ ئېلىۋېلىڭ.» 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى دۇڭگوۋ يېزىسى ۋېيزى كەنتىدە، ما شياۋمىڭ كۆكتاتلارنى كەنت ئاھالىسى ياڭ ۋېيمىڭغا يەتكۈزدى ھەم قايتىش ئالدىدا: «ئۆيدە تۇرۇۋاتقاندا دېزىنفېكسىيەنى ياخشى قىلىڭ، ئۆيدە نېمە كەم بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ» دەپ تاپىلىدى.
بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن ما شياۋمىڭ ۋېيزى كەنتى 5-كىچىك ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، ئۇ يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان ئۆيىگە قايتىپ باقمىدى، ئۆيدە تۇرۇۋاتقان 26 ئائىلىك 78 كىشىنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش، ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تىزىملاش، ئاھالىلەرنىڭ ھەر خىل ئېھتىياج-تەلىپىنى ھەل قىلىش... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى.
«مەن 2002-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەزا بولدۇم، پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، شۇڭا ھەر قانداق ئىشتا ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمىتى مۇرەككەپ، بىخۇدلۇق قىلىشقا بولمايدۇ. بىر كۈندە ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ زىيارەت قىلىش بولسۇن، كەنت ئاھالىلىرىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش بولسۇن، ھەر بىر تۈرلۈك خىزمەتنى دەل جايىدا قىلىش كېرەك.» چۈشتە كەنت ئاھالە كومىتېتىغا قايتىپ كېلىپ ئازراق ئارام ئېلىپ، چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغان ما شياۋمىڭ يەنە يولغا چىقتى.
يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا، ئۇ بىر تونۇش سىيمانىڭ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «لاۋما!» ئۇمۇ بىر قاراپلا مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ ماسكا تاقىغان ما شياۋمىڭنى تونۇپ، تېز-تېز قەدەم ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
«لاۋما، مۇداپىئە كىيمىدىن ھاۋا ئۆتۈشمەيدۇ، ۋاقتىڭىز بولسا جىقراق سۇ ئىچىڭ، ئىسسىق ئۆتۈپ قالمىسۇن.» «ماقۇل، مۈرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ، ئۆيدىكىلەر ياخشىدۇ؟» ما شياۋمىڭ بىلەن خوتۇنى ياڭ شۆخۇڭ بىر نەچچە ئېغىز ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتى بىلەن بولۇپ كەتتى.
ياڭ شۆخۇڭ بولسا پىدائىي، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئېرى مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ ماسكا تاقىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يول ماڭغاندىكى قىياپىتىدىن ئېرىنى تۇنۇۋالىدىكەن. بۇ بىر ئايدىن بۇيانھەر ئىككىلىسىلا ئالدىراش بولۇپ، ما شياۋمىڭنىڭ ئۆيگە قايتقۇدەك ۋاقتى چىقمىغان، ئەر-خوتۇن پەقەت يول ياقىسىدا ئۇچرىشىپ، بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراشقان.
ياڭ شۆخۇڭ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتى قىلماقتا.(ۋاڭ شياۋگاڭ فوتوسى)
يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، 50 ياشلىق ياڭ شۆخۇڭ تىزىملىتىپ پىدائىيلىق خىزمىتىگە قاتناشتى، «مەن دۇڭگوۋ يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرى ماڭا تونۇش، شۇڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروپ ئۆلتۈرۈش خىزمىتى قىلسام، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قوشقان بىر كىشلىك تۆھپەم بولۇپ قالىدۇ».
ئۇلارنىڭ بەكرەك ئەنسىرەيدىغىنى دۇڭگوۋ يېزىسى ۋېيلەن مەھەللىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان قىزى ما مىڭيەن ئىدى. ۋېيلەن مەھەللىسى دۇڭگوۋ يېزىسىدىكى بىردىنبىر مەھەللە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغاچقا، ئالدىنقى سەپتىكى ما مىڭيەن تەشۋىقاتچى، ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزغۇچى، شۇنداقلا مال سېتىۋالغۇچى بولغانىدى.
ما مىڭيەن ئاھالىلەرگە نەرسە-كېرەك سېتىۋالماقتا.
بوي ئېگىزلىكى 1.65 مېتىر، ئېغىرلىقى 45 كىلوگىرام كېلىدىغان ما مىڭيەن قارىماققا ناھايىتى ئۇرۇق ھەم ئاجىز كۆرۈنەتتى، بىراق ئاھالىلەرگە نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەندە ئەزەلدىن «ھاردىم» دېمەيتتى.
ئۈچ كۈن ئاۋۋال، بىر ئائىلە كىشىلىرى سىندا ئالدىراشلا «كۆرۈشتى». ما شياۋمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بىر ئايدىن ئارتۇق ئۆيگە قايتمىغان قىزى «قارىداپ، ئورۇقلاپ» كېتىپتۇ.
بۇ بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەندىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە تەڭلا ئاتلىنىپ قانداق ھېسىياتتا بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار ئوخشاشلا بىر سۆزنى، يەنى پەخىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.