تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىنىڭ مەھەللە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلىرى ئارىسىدىكى «قالتىس شېرىكلەر»

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ، چىن پېڭ، جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن يۈنلياڭ، ۋاڭ يۆ، سۈي داچىڭ خەۋىرى، فوتوسى): ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەر پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئانا-بالا قول تۇتۇشۇپ كۈچ قوشقانلار، يەنە ئەر-خوتۇن جۈپ بولۇپ ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلغانلار، يەنە داشۆ ئوقۇغۇچىسى شېرىكلەرمۇ بار بولۇپ، كۆپچىلىك بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تىرىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشتى.

  «ئاياللار» ئىچىدىكى «ئانا-بالا شېرىكلەر»

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى كاڭتەي مەھەللىسىدىكى 20 نەچچە ئايال «ئايال پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇردى، يەن شياۋخۇا بىلەن لى تىڭ ئانا-بالىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە. ئۇ ئىككىيلەن ھەر كۈنى ئاھالىلەرنى كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، مېۋە-چېۋە، كۈندىلىك بۇيۇملار قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. «بىز ئۆز كۈچىمىزنى چىقىرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى يەن شياۋخۇا.

يەن شياۋخۇا (ئوڭدا)، لى تىڭ ئانا-بالا.

  «F27»دىكى ئاكا -ئۇكىلار گۇرۇپپىسى

  «F27» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چىماشەن مەھەللىسى يىخې شەنجۇاڭ 27-نومۇرلۇق بىناغا مەسئۇل پىدائىيلار ئەترىتى. يىخې شەنجۇاڭ 27-بىناسىدا يەتتە دەنيۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە 71 ئائىلە، 203 ئاھالە ئولتۇرىدۇ. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، 27-بىنادىكى 15 ئاھالە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ پىدائىي بولۇپ، كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، بەي شېڭجياڭ، ما ۋېنبىن قوشنا بولغىلى ئۇزاق بولغان بولۇپ، ما ۋېنبىن ئۆزىدىن چوڭ بەي شېڭجياڭنى «بەي ئاكا» دەيتتى، بەي شېڭجياڭ ئۇنى «شياۋ ما» دەپ چاقىراتتى. ئىككىيلەن بار كۈچى بىلەن ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشەنچى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. «ئادەتتىكى كۈنلەردە قوشنىلار ئىنتايىن ئىناق ئۆتىمىز، ھازىر ئۆز كۈچىمىز ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئازراق ئىش قىلىپ بېرىپ چارچىدۇق، ئەمما خۇشال بولدۇق» دېدى بەي شېڭجياڭ.

بەي شېڭجياڭ (ئوڭدا) بىلەن ما ۋېنبىن ئاكا -ئۇكا ئىككىيلەن.

  «F27» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدە يەنە بىر جۈپ «تاغا-جىيەن شېرىكلەر» بار: چېن يۈنلياڭ بىلەن جىيەنى جاڭ يۈجيا. «بىزنىڭ دەنيۈەندە ئەر يولداشلار ئاز، يېشى چوڭلار بىرقەدەر كۆپ، مەن 24 ياشلىق جىيەنىمنى بىللە پىدائىي بولۇشقا چاقىردىم. ھازىر ھەربىر ئاددىي ئادەملەر تىرىشىپ بەدەل تۆلەۋاتىدۇ، بىز چوقۇم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!» دېدى چېن يۈنلياڭ.

چېن يۈنلياڭ (سولدا) بىلەن جىيەنى جاڭ يۈجيا.

  «مېنىڭ ئائىلەم»دىكى داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي شېرىكلەر

  ئۈرۈمچى شەھىرى خۇاڭخې يولى ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى ئائىلىلىكلەر قوروسىدا، 300 نەچچە ئاھالە تۇرىدۇ، 35 ئاھالە «مېنىڭ ئائىلەم» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، دوختۇر، مەمۇر، ئاخبارات خىزمەتچىسى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي، داشۆ ئوقۇغۇچىسى قاتارلىقلار بار.

  داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي سۈن رۇي بىلەن ۋاڭ شىنشۈ بۇ ئالاھىدە پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى، ئۇلار ئىككىيلەن ھەر كۈنى ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، كۆكتات يەتكۈزۈش، كارىدورنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئەخلەتلەرنى تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى.

داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي سۈن رۇي (سولدا) بىلەن شېرىكى ۋاڭ شىنشۈ.

  ئەر-خوتۇن «ئاقما مەشغۇلات» بويىچە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى

  خوتۇنى ئەستايىدىل بولغاچقا تالون بويىچە كۆكتات تاللاشقا، ئېرىنىڭ ئايىغى چاققان بولغاچقا ئۆيمۇئۆي يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولدى، بۇ، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ۋاڭ چې ۋە ليۇ چىڭ ئەر-خوتۇننىڭ «ئاقما مەشغۇلات» مۇلازىمەت ئەندىزىسى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدە، مۇشۇنداق «ئەر-خوتۇن شېرىكلەر» گۇرۇپپىسى ئاز ئەمەس.

  ئېرى ۋاڭ چې ئاۋىياتسىيە يەر يۈزى مۇلازىمەت خادىمى، خوتۇنى ليۇ چىڭ يەسلى ئوقۇتقۇچىسى. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يىنبىن يولى غەربىي مەھەللىسى لەييىن جۇاڭيۈەن C3 -بىنادىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتىگە مەسئۇل بولدى ھەم مەھەللىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملەشتى.

ۋاڭ چې (ئوڭدا) ۋە ليۇ چىڭ ئەر-خوتۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ