تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۇنىڭ مۈگدەپ قالغان بىر پارچە سۈرىتى نۇرغۇن تورداشنى تەسىرلەندۈردى

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن جىنلى، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن): ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى يەرگە ئايرىپ بولغان نۇرغۇن كۆكتات بولىقى رەتلىك تىزىلغان، ئۇنىڭ يېنىدا مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن بىر ئايال يەردىلا ئولتۇرۇپ ئۇيقۇغا كەتكەن... بۇ ئىككى كۈندە، بىر پارچە سۈرەت توردا تارقىلىپ، نۇرغۇن تور ئەھلىنى تەسىرلەندۈردى.

  سۈرەت تارتىلغان ئورۇن ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) جىنچېڭ مەھەللىسىدىكى بىر ماددىي ئەشيا ساقلاش نۇقتىسى. سۈرەتتىكى ئايال مەھەللە خىزمەتچىسى ليۇ يى. 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 15لەردە، كۆكتاتلارنى ئايرىپ بولغاندىن كېيىن، چارچاپ كەتكەن ليۇ يى ماددىي ئەشيا ساقلاۋاتقان پەيتتە مۈگدەپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆكتات ئالغىلى كەلگەن بىر پىدائىي سۈرەتكە تارتىۋالدى.

  «كېيىن توردىن مېنى سۈرەتكە تارتىۋالغانلىقىنى بىلدىم» دېدى ليۇ يى. شۇ كۈنى ئۇ سەھەردىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00كىچە ئالدىراش بولدى، ماددىي ئەشيانى ساقلاپ ئولتۇرغاندا بىلىپ-بىلمەيلا ئۇخلاپ قالدى... «شۇ چاغدا 10 مىنۇتقا يېقىن مۈگدەپتىمەن، ئويغانغاندىن كېيىن خېلى روھلىنىپ قالدىم» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليۇ يى 108 ئائىلىگە ھەر خىل مۇلازىمەت قىلىشقا مەسئۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 70 نەچچە پىدائىينى باشلاپ، 6000دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ماددىي ئەشياسىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

  8-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، ليۇ يى ئادەتتىكىگە ئوخشاش مەھەللە ماددىي ئەشيالىرىنى ساقلاش ئورنىغا كېلىپ، كۆكتات توشۇش ئاپتوموبىلىنى ساقلىدى. ئاپتوموبىل كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مال چۈشۈرۈشكە ياردەملەشتى، پىدائىيلار بىلەن بىللە كۆكتات قاچىلىدى. 300 نەچچە كۆكتات بولىقى تەييار بولغاندا پىدائىيلار ئېلىپ كەتتى. ئەمدىلا ئولتۇرۇپ ئارام ئالغان ليۇ يى ئاھالىلەرنىڭ سۈت سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال سېتىۋېلىپ ئاپىرىپ بەردى. قايتىش يولىدا يەنە بىر بوۋاينىڭ ئۇنىڭغا دورا ئېلىپ بېرىشنى تاپىلاپ قىلغان تېلفونىنى قوبۇل قىلدى...

  بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندا، ئاللىقاچان چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغانىدى، ليۇ يىنىڭ بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتتى. ئۇ مەھەللىگە قايتىپ يۈزىنى يۇيۇپ، تاماقنى ئېلىپ يەنە ئىككىنچى ماددىي ئەشيا ساقلاش ئورنىغا ماڭدى، يەنە بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيا كېلىش ئالدىدا ئىدى، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ ساقلىدى. تاماقنى يەپ بولغۇچە كۆكتات توشۇش ئاپتوموبىلى يېتىپ كەلدى، ئۇ تاماق قاچىسىنى قويۇپ، كۆكتاتلارنى چۈشۈرۈشۈپ بەردى، كۆكتاتلارنى ئايرىپ قاچىلىدى. ئۇ قولىدىكى ئىشىنى تۈگەتكەندە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، موما قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان سودىگەر تېخى كەلمىگەنىدى، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ساقلىغاچ مۈگدەپ قالدى.

ليۇ يى ماددىي ئەشيالارنى ئايرىپ قاچىلىماقتا.

  ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى كۈنى ليۇ يى پەقەت تۆت سائەتلا ئۇخلىغانىدى. ئۇ 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 10 نەچچە ئاپتوموبىل ماددىي ئەشيانى چۈشۈرۈشكە ياردەملەشتى، پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە بەش توننىدىن ئارتۇق كۆكتاتنى ئايرىدى، ئاھالىلەرگە دورا، تاۋۇز ئاپىرىپ بەردى، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى... مەھەللىگە قايتقاندا سائەت 21 بولغانىدى، ليۇ يى تاماق يەپ بولۇپ ئارام ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەيلا، يەنە ئىككىنچى كۈنىدىكى ماددىي ئەشيا زاكاز تالونىنى رەتلەپ، ھەر قايسى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا باشلىدى. بۇ ئىشلار تۈگىگەندە ئاللىقاچان يېرىم كېچە بولغانىدى. ئۇنىڭ ۋېيشىن ئۇچۇرى يەنە توختىماي سايراشقا باشلىدى: «ئەتە بىزنىڭ بىنادا بىرەيلەن دوختۇرخانىغا بارىدۇ...» «ئاپام ياندىكى ئولتۇراق رايوندا تۇراتتى، ماڭا ياردەم قىلىپ ئازراق نەرسە ئېلىپ ئاپىرىپ بېرەلەمسىز...» ئۇ بىر-بىرلەپ ئالاقىلىشىپ جاۋاب بېرىپ بولغاندا سەھەر سائەت ئىككىدىن ئاشتى. بۇ، ليۇ يىنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيانقى ھەر كۈنلۈك خىزمىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىدى.

  ئاھالە چېن ۋېي مۇنداق دېدى: «ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ سورايدىغان قانداق ئىشى ياكى ئېھتىياجى بولسا، ليۇ يى ھامان ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرىدۇ. بەزىدە سەھەردە يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بالامنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالدى، ئۇ دوختۇرخانىغا بىللە ئاپاردى، تاكى بالىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە ھەمراھ بولدى، ئوكۇل ئۇرغۇزغىلىمۇ بىللە باردى، ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن».

  جىنچېڭ مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى ما چيەن مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ليۇ يى پىدائىيلارنى باشلاپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى، ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتىنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەپ، جىنچېڭ مەھەللىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە زور تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى