تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

لى پېڭشىن بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 3 - قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى، چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 6 - دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا سانجى تارماق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ياردەم بېرىۋاتقان گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، تېببىي خادىملىرىغا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرگە بايراملىق سالام يوللىدى، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر تولۇق قوراللىنىپ، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلىنىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تېببي قۇتقۇزۇش - داۋالاش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ، ھاياتلىقنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلدى. سىلەر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىڭلارغا ئېلىپ، ئۆزۈڭلارنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋردىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان قەلبى، چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىنى شەرھلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدىڭلار.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى كېڭىيىۋاتىدۇ، لېكىن ئومۇميۈزلۈك نۆللەشتۈرۈش، نەتىجىنى مۇستەھكەملەش، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، يۇقۇم قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاشتىكى قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىپ، كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، تۇرمۇش مۇلازىمىتى ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتى، تەرەققىيات بوشلۇقى، كەسىپكارلىق مۇھىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەممە بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، لى يىفېي قاتارلىقلار بىرلىكتە ھال سورىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى