تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇلار چىڭ تۇرۇش جەريانىدا شەرەپلىك دەقىقىلەرنى باشتىن كەچۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 12 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو دوختۇرلار مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئالاھىدە بايرامدا، ئەسلىدە مۇكاپات تارقىتىش نەق مەيدانىدا مەدھىيە ۋە ئالقىش سادالىرىنى قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك دۇ بىن، جاۋ جيەنپىڭ، ياڭ يىنىڭدىن ئىبارەت ئۈچ نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا چىڭ تۇرۇپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالىدى.

ئەتىگەن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كېسەللىك ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش يىغىنى نورمال ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى − بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى ICU بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دۇ بىن، خۇاجۇڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى تۇڭجى دوختۇرخانىسى نەپەس يولى ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاۋ جيەنپىڭ كېسەللىك تارىخىنى ۋاراقلاپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ياڭ يىنىڭ قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە ICUدىكى ئېغىر ئاغرىقلار، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلدى.

بۇ ئانچە چوڭ بولمىغان خىزمەت پونكىتىدىكى ئۇزۇن ئۈستەل ئالدىغا مەملىكىتىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى داڭلىق تېببىي مۇتەخەسسىسلەر يىغىلدى، ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ مۇدىرلىرى بۇ تېپىلغۇسىز ئۆگىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى، پىكىر يۈرگۈزدى.

تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەر ئاغرىق مىساللىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىزمەت پونكىتىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا ئىككى ئېغىر ئاغرىقنىڭ كارىۋاتتىن چۈشۈپ شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينىغان كۆرۈنۈشى پەيدا بولۇپ، ھەش - پەش دېگۈچە بىر قىسىم جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتتى، مۇتەخەسسىسلەر بەس - بەستە ئالقىش ياڭراتتى. «شىنجاڭ ئۇسسۇلىمۇ داۋالاشتىكى ياخشى دورا» دېدى جاۋ جيەنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئېغىر ئاغرىق مىساللىرىنى بىر - بىرلەپ مۇزاكىرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئاغرىقلار رايونلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ئاغرىقلار رايونىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، «مەن تۇرۇشلۇق ئاغرىقلار رايونىدا 13 ئادەمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشتى، ئەتە توققۇز ئادەم دوختۇرخانىدىن چىقىدۇ.» بۇنداق خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ياڭ يىنىڭ مەمنۇنلۇق بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى.

ئاغرىقلار سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاغرىقلار رايونى بىرلەشتۈرۈلىدىغان بولدى. دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي مەمۇرىيەت - تېببىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ زۇڭجيۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇپ داۋالاپ، <نۆل يۇقۇملىنىش>نى داۋاملاشتۇرۇپ، غەلىبىلىك جەڭ قىلىمىز».

دۇ بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىنجاڭدا بۇ ئالاھىدە دوختۇرلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى تېببىي خادىملار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ جەڭ قىلدۇق. بىز مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ئاغرىقلارنى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرىمىز».

«دوختۇرنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئاغرىقنىڭ يېنىدا بولۇش.» دۇ بىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، ICU ئاغرىقلار رايونىغا كىرىپ ياتاقلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

جاۋ جيەنپىڭ بىلەن ياڭ يىنىڭ 5 - نومۇرلۇق بىنانىڭ ئادەتتىكى ئاغرىقلار رايونىدا ياتاق تەكشۈرۈشنى پىلانلىدى. «ئادەتتىكى ئاغرىقلار رايونىدىكى بەزى ئاغرىقلارنىڭ قوشۇلما كېسىلى بار بولۇپ، بىر ئاغرىقنىڭ يۈرەك تىقىلمىسى ئۈچ قېتىم تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، ھەممىسى پىروفېسسور ياڭ يىنىڭنىڭ ياردىمىدە بىر تەرەپ قىلىندى. ئاغرىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى مۇقىم» دېدى 4 - ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى شيا يۈ.

«خۇددى ئادەم يار لېۋىدە ماڭغانغا ئوخشاش، سەللا دىققەت قىلمىسا تېيىلىپ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. بىز جەزمەن ھەربىر تەپسىلاتنى تەڭشەپ، لايىھەنىڭ تېخىمۇ ئەلا، تېخىمۇ دەل، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ياڭ يىنىڭ.

33 - نومۇرلۇق كېسەل كارىۋىتىدىكى ئاغرىق ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرگەن مۇتەخەسسىسلەرنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ ئولتۇرۇۋالدى. «بۈگۈن مۇدىر دوختۇرخانىدىن چىقسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بەك خۇش بولدۇم. بۈگۈن دوختۇرلار بايرىمى، مەن قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمىدىم. سىلەرگە تەزىم قىلاي، دوختۇرلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنچ - ئامان بولغايسىلەر!»

چوڭقۇر تەزىم قىلىش ئاغرىقنىڭ ئەڭ سەمىمىي رەھمىتى.

«يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نۆل بولغانلىقىغا دائىر دوكلات ئېلان قىلىندى، بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ خۇشال بولغان بىر كۈنۈم.» ئەزەلدىن كەسكىن جاۋ جيەنپىڭنىڭ چىرايىدا ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈلمىگەن تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

«سىلەرنىڭ ساغلاملىقىڭلار ئەڭ قىممەتلىك بايراملىق سوۋغات» دېدى ياڭ يىنىڭ ئاغرىققا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى