تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۆيدە تۇرغاندا تىت - تىت بولماڭ تەڭشەش ئۇسۇلى بار

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: «نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشى پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى كېڭەيمەكتە، لېكىن ئاھالىلەر ئۆيدە تۇرغاندا يەنىلا ئۆزىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، پاسسىپ كەيپىياتنى ياخشى كونترول قىلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ماسلىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك» دېدى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شىنجاڭ روھىي سەھىيە مەركىزى تۈر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مو لەنرۇڭ.

مو لەنرۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، ئاھالىلەرنىڭ يۇقۇمغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى يىل بېشىدىكىگە قارىغاندا ئېشىپ، ئالاقزەدە بولۇش پىسخىكىسى ئاز - تولا ئازايدى. لېكىن خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ نورمال قانۇنىيىتى ئۆزگەرگەچكە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، ئەنسىرەش، تىت - تىت بولۇش قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلار پەيدا بولىدۇ.

1 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ روھىي سەھىيە مەركىزىنىڭ پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى توققۇزغا كۆپەيتىلدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 60قا يېقىن روھىي سەھىيە كەسپىي خادىمى قىزىق لىنىيەدە نۆۋەتچىلىك قىلىپ، قىزىق لىنىيەدە 24 سائەت تېلېفون قوبۇل قىلىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى ھەم پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشى ۋە كونترول قىلىشىغا ياردەم بەردى. ھازىرغىچە، بۇ قىزىق لىنىيە 13 مىڭدىن ئارتۇق پىسخىكىلىق مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن ھازىرغىچە 2700گە يېقىن تېلېفون قوبۇل قىلىندى.

مۇخبىر نەق مەيداندا زىيارەتتە بولغاندا، ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى پات - پات سايراپ تۇردى، خىزمەتچى خادىملار مەسلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ دەردىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى تاكى قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشقانغا قەدەر يېتەكلىدى.

«بەزى پاسسىپ كەيپىياتلارمۇ ئالاھىدە مەزگىلدىكى نورمال ئىنكاس ھېسابلىنىدۇ، ئۆزىنى تەڭشەش ئارقىلىق پىسخىك ساغلاملىق ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغىلى بولىدۇ.» مو لەنرۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالدى بىلەن بۇ خىل كەيپىيات ئىنكاسىنى قوبۇل قىلىش، ئاندىن پائال تاقابىل تۇرۇش كېرەك. يېتىپ قوپۇش، يېمەك - ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولۇشى، ئۆيدىمۇ قىلىدىغان ئىشى بولۇشى كېرەك، ئاھالىلەر مۇزىكا ئاڭلىسا، تېلېۋىزور كۆرسە بولىدۇ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، رەسىم سىزىش، تاماق ئېتىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگەنسە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، روھىي ھالىتىنى تىنچلاندۇرۇشى كېرەك. يۇقىرىقىدەك تەڭشەش ئارقىلىق نورمالسىز كەيپىياتنى پەسەيتكىلى بولمىغاندا، روھىي سەھىيە كەسپىي خادىملىرىدىن پىسخىك ياردەم تەلەپ قىلسا ياكى پىسخىكا ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىسا، داۋالانسا بولىدۇ.

«كېيىنكى مەزگىلدە، بىز داۋاملىق پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسىدە نۆۋەتچىلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە مەزگىلگە پائال يۈزلىنىپ، ساغلام روھىي ھالەتكە ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى مو لەنرۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ