تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار دوختۇرلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار دوختۇرلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ

يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى

8- ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى تيەن لىشيا (ئوڭدا) بىلەن جاۋ جىنيەن (سولدا) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەكشۈرمەكتە. (ياڭ شو فوتوسى)

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايرامنى ئالدىراش خىزمەت ئىچىدە ئۆتكۈزدى. (چاڭ شۆخۇي فوتوسى)

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى جاۋ جيەنپىڭ (ئوڭدىن 1 - كىشى) بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ياڭ يىنىڭ (ئوڭدىن 2 - كىشى) بىرلىكتە ياتاق تەكشۈرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 3 - قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار تور ۋە تور سىرتىدا بىر قاتار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت تېببىي خىزمەتچىلەرنى بايراملىق تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سالام يوللىدى.

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمىلىق سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق خادىملارنى ئۇدا جەڭ قىلىشتەك قەيسەرانە ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش.» بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يەنجۈن بۇ سۆزنىڭ ئۆزىنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ۋاڭ يەنجۈن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بىلىمىمنى يېڭىلاپ، ئۆگەنگەنلىرىم ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن».

بۇ دوختۇرخانا بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر - سېسترالارنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى ئېچىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا دوختۇر - سېسترالارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى ۋۇ جىنپىڭ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى، خوتۇنى باشقا يەردە خىزمەت قىلاتتى. دوختۇرخانا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ مەھەللە بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆيىدىكى بالىسىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى.

«دوختۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى تاللىغان ئىكەنمەن، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا <چوڭ ئائىلە> بىلەن <كىچىك ئائىلە>نىڭ ئىككىلىسىگە تەڭ ئېتىبار بەرگىلى بولمايدۇ.» ۋۇ جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ساغلاملىققا رىشتە باغلايمىز، ھاياتلىققا تىرەك بولىمىز. بۇ، تېببىي قەسەم، شۇنداقلا بىزنىڭ قەسىمىمىز».

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى توردا جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ دوختۇرخانا سىن ئارقىلىق 2020 - يىللىق ئىلغار يېتەكلەپ ئوقۇتۇش بۆلۈمى، مۇنەۋۋەر يېتەكلەپ ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ باھالانغانلارنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شان - شەرەپكە ئېرىشكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىدى.

بايرامدا، بورتالا ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار ئىش ئورنىدا ئىلگىرىكىدەكلا چىڭ تۇرۇپ، قىلچە بوشاشمىدى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يىن مىڭ مۇنداق دېدى: «ھەربىر قېتىملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرغانلىق، ھەربىر قېتىملىق ئىلگىرىلەش ئارزۇغا بولغان ئىنتىلىشتۇر. تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەربىر ئاغرىققا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھاياتلىقنى قوغدايمىز».

8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى تەنتەنىلىك قەسەم بېرىش ساداسى ئىچىدە باشلاندى. دوختۇرلار ۋەكىللىرى ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاراڭلىق قەسىمى بىلەن، دوختۇرلارنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتكە، ئاغرىقلارغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئىپادىلىدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئادىلە تۇردى قەسەم بەرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جەزمەن پارتىيە ۋە خەلق بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىنى كەم - كوتسىز ئورۇنداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايمەن».

8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى ئاممىۋى سۇپىسىدا تېببىي خىزمەتچىلەر ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان «مېھىر - مۇھەببەت نامى بىلەن» ناملىق سىن ئېلان قىلىندى. بۇ بەش مىنۇتلۇق سىندا، تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە دوختۇرلاردىن ئىبارەت بۇ ئاددىي ھەم ئۇلۇغ كىشىلەر توپىنى نامايان قىلىپ، ئاممىغا دوختۇرلارنىڭ ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش داۋامىدا ئۈن - تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. تورداشلار قالدۇرغان سۆزلەردە تەسىرلىنىش، رەھمەت ئېيتىش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش سۆزلىرى كۆپ تىلغا ئېلىندى.

سانجى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى دىخۇانىڭ جىددىي داۋالاش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ لۇغىتىمدە كۈندۈز، كېچە ۋە ھەپتە ئاخىرى دەيدىغان سۆز يوق، جىددىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىشنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، جەزمەن تېزدىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىمەن. مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەربىر ھاياتلىقنى قوغدايمەن».

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، بىڭتۇەن 13 - شىسى خۇڭشىڭ دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتى دوختۇرخانىدىكى 38 بۆلۈمگە تورت ۋە سۈت ئاپىرىپ بەردى ھەم دوختۇرلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. «بىز ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، بىز تېخىمۇ تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايمىز» دېدى خۇڭشىڭ دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش يولى ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يې لىنا.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان تېببىي خادىملار، ساقچى ئىشلىرى خادىملىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلارغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قورغاس ناھىيەسى پېشقەدەم كادىرلارنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك توردا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

قورغاس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ شىياڭخۇڭ ۋىيشىن توپىدا پېشقەدەم كادىرلار شېئىر ئەسەرلىرىنى ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلدى. قورغاس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى جۇ شىنرۇڭ مۇنداق دېدى: «شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىدە ئاساسلىقى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى كۈيلىدۇق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرنى مەدھىيەلىدۇق، كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى».

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، شيا چىڭ، بورتالا مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ ۋېي، ۋاڭ ۋېن، جاڭ چېنجۈەن، ما چيەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى