تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇم مەزگىلىدە ۋىلايەت، ئوبلاست(ناھىيە، شەھەر)لاردىكى ئاغرىقلار ئۈرۈمچىگە قانداق كېلىپ داۋالىنىدۇ؟

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن يۈەنتۇڭ، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 34-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چاڭ جيەنمېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاساسىدا، باشقا جايدىكى ئاغرىقلارغا ئىنچىكىلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، باشقا جايدىكى ئاغرىقلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن پائال تەمىنلىدى.

  ۋىلايەت، ئوبلاست(ناھىيە، شەھەر)لاردىكى ئاغرىقلار ئۈرۈمچىنىڭ داۋالاش بايلىقىغا ئېھتىياجلىق بولسا، ۋىلايەت، ئوبلاست(ناھىيە، شەھەر)لىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان يىراقتىن داۋالاش، كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئاغرىقلارنى يىراقتىن دىياگنوز قويدى ھەم داۋالاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر، يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويغاندا ئېنىق دىياگنوز قويغىلى بولمايدىغان ئاغرىقلارغا قارىتا، ئۈرۈمچىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ماقۇللىقى ئېلىنىپ، يۆتكەپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يۆتكەپ داۋالاشتىن بۇرۇن، ئاغرىق تۇرۇشلۇق جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتى يۆتكەپ داۋالاش تالونى چىقىرىپ بېرىدۇ ھەم يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش خاتىرىسىنى قوشۇپ قويىدۇ، شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىشقا قوشۇلغانلىق ئالاقە خېتى چىقىرىپ بېرىدۇ، ئاغرىق ۋە ھەمراھ بولۇپ كەلگۈچىلەر يەتتە كۈن ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە ساغلام سەپەر كارتىسىنى ئېلىپ، شۇ جايدىن 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قوبۇل قىلىدىغان دوختۇرخانىغا يۆتكەلسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى