تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ بىڭتۇەن 11-شى چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى پۇختا تۇتتى، ئىنچىكە تۇتتى

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 11-شىدىن ئىگىلىشىچە، 11-شىغا قاراشلىق كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرلىرى دۆلەتنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا ئۆزگەردى، 11-شى ئاساسىي داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەتنىڭ 51 تۈردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، چېگرا سىرتىدىكى تۈر بۆلۈمى خادىملىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

11-شى سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرنىڭ سىستېمىلاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خىزمەت يېتەكچىلىكى ۋە مۇلازىمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى 11 دۆلەتتىكى 32 تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، تۈر تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكى، تۇرالغۇ مۇھىتىغا ئاساسەن، جۇڭيى دورىسى بىلەن ئالدىنى ئېلىش رېتسېپى يېزىپ بېرىلدى. ھازىرغا قەدەر، 11-شى گرېنادا، ئانگولا، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈر بۆلۈمىگە ليەنخۇا چىڭۋېن كاپسۇلىدىن 800 قۇتا، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك جۇڭيى دورىسىدىن 3810 دانە ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى؛ يىراق مۇساپىلىك سىن سىستېمىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملارنى ئالتە قېتىم يىراقتىن تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلدى؛ سىنلىق كوللېكتىپ دىئاگنوز قويۇش ۋە پىسخىكلىق يېتەكلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يىراق مۇساپىلىك سىنلىق كوللېكتىپ دىئاگنوز قويۇش سۇپىسى ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىكى خىزمەتچىلەرنى پىسخىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بىڭتۇەن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى