تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭلىق بىر جۈپ سىرداش دوست مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئېغىر كېسەللەرگە قارشى بىللە جەڭ قىلدى

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ليۇ يەن بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەنە يېرىم كېچىگىچە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋەتكەندە، ئۇنىڭ بەدىنى پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. ليۇ يەن مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ۋىرۇس بىلەن مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي يۈزتۇرا ئېلىشىشتا، بىز پىسخىكا ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى سىناقنى باشتىن كەچۈردۇق، ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا، تېببىي خادىملار ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى، بۇ «جاپالىق سەپەر»دە ئېرىشكەن ھەر بىر سەپداشلىق مېھرى ئىنتايىن قىممەتلىك.

  ليۇ يەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى، ئۇ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ياخشى سەپدىشى شى شياۋخۇي بىلەن يەنە بىر قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU3 ئاغرىقلار رايونىدا چىڭ تۇردى. كۆپچىلىك ئۇلارنى ICUدىكى «ئايال ئەزىمەت» دەپ ئاتىدى. ئىككىيلەن ئالىي مەكتەپتە ساۋاقداش بولۇپ، 2002-يىلى بىللە خىزمەتكە قاتناشقان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىدە 20 يىلغا يېقىن بىللە ئىشلىگەن. بۇ يىل 2-ئايدا بىللە خۇبېيغا داۋالاشقا ياردەم بەرگىلى بارغان، ھازىر يەنە بىرىنچى سەپكە بىللە باردى.

  شى شياۋخۇي مۇنداق دېدى: بىز تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغالغان نۇرغۇن ئاغرىقنى داۋالاش ۋە ICUدىكى كۈندىلىك كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىللە باشتىن كەچۈردۇق، بارغانسىرى ئۆزئارا ياخشى ماسلىشىدىغان بولۇپ كەتتۇق.

  بۇ خىل ماسلىشىش ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەڭ مەيدانىدا رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى. ئەينى چاغدا، ئىككىسى ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانىسى 14-ئاغرىقلار رايونى، 15-ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۆلۈم مۇدىرىنىڭ داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا ياردەملەشكەن.

  «ئۇ چاغدا، بىز تۇرۇۋاتقان ئاغرىقلار رايونىنىڭ قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر تىپلىق ئاغرىقلار بولۇپ، قانداق قىلغاندا ھەم ۋاقىتلىق قۇرۇلغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ كۆپ خىل پەن ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ھەم ئېغىر تىپلىق ئاغرىقلارنى داۋالاش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەر ھەققىدە شى شياۋ خۇي بىلەن كۆپ قېتىم مەسلىھەتلەشكەن ئىدىم» دېدى ليۇ يەن.

  بۇ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU3 ئاغرىقلار رايونىدا، ئۇلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يەنە بىر قېتىم داڭق چىقاردى. نەپەس يولى زەئىپلەشكەن بىمارلارنى جاراھەتسىز ھاۋا ئۆتكۈزۈپ داۋالاشقا توغرا كېلەتتى، ئىككىسى كارىۋاتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، بىرى پارامېتىرنى تەڭشەپ كۆزەتسە، يەنە بىرى ئاغرىق بىلەن ئۈسكۈنىنىڭ ماسلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  «ئاغرىققا يېڭىدىن ئۈسكۈنە ئىشلىتىشكە باشلىغاندا، چوقۇم يېنىدا تۇرۇش كېرەك. ئىككىمىز مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ICU كېسەلخانىسىدا ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىپ داۋالىغاندا، ھەر كۈنى ئاغرىقلار رايونىدىكى ۋاقتىمىز 10 سائەتتىن ئېشىپ كېتىدۇ، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆپرەك ئارام ئېلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ھېچقايسىمىز بالدۇر ئايرىلىشنى خالىمايمىز» دېدى شى شياۋخۇي.

  ليۇ يەن مۇنداق دېدى: ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا چىڭ تۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم، بۇنىڭ ھەممىسى كوللىكتىپنىڭ كۈچى، كوللىكتىپىمىزنىڭ ھەمكارلىقىدا، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكىلىنى جەزمەن چىڭ ساقلىيالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.

                                   《学习强国》شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى