تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دوختۇرلار بايرىمىدىكى ئىلھام، مەدەت: يازنىڭ ئوتتۇرىدىن ئالتۇن كۈزگىچە، تولۇق قوراللىنىپ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بىلىملىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئەتراپتىكى تەسىرلىك ھېكايىلەردىن ھەمبەھرىلىنىش ... 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 3-قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش» جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ھەربىر تەسىرلىك ئىشلار سۆزلەنگەندە، دوختۇرلارنىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەندى.

  «چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىش، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش، ئۇلار چىڭ تۇردى، ئۇلار مەسئۇلىيەتچان، كەسىپنى قەدىرلەيدۇ، قورقماس، باتۇر ۋە ئىللىق...» ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى ئىچكى 3-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تيەن يۈەن نۇتۇق سۆزلەۋېتىپ، بىر نەچچە قېتىم ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، تۆۋەندە ئولتۇرغان نۇرغۇن دوختۇر-سېسترانىڭ كۆز ياشلىرىمۇ تاراملاپ ئاقتى. مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇدىرى جاۋ پېڭ ھەمبەھرىلەنگەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش «ئالدىنقى قاراۋۇللۇق پونكىتى» ھېكايىسى كۆپچىللىككە 90-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ قەتئىيلىكىنى نامايەن قىلىپ بەردى. جاۋ پېڭ مۇنداق دېدى: «8-ئاينىڭ 18-كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھەممىسى نۆل دەپ دوكلات قىلىندى، ئەمما بىز يەنىلا يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، چىڭ تۇرىشىمىز، يەنىمۇ چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك!»

سۇڭ يىخۇڭ (ئوڭدا) ۋە جيا لىنا نۇتۇق سۆزلىمەكتە.

  «قارلار ئۇچۇپ، تۇمان بولۇشتىن 3-ئايدا گۈللەر ئېچىلغۇچە، يازنىڭ ئوتتۇرىدىكى تومۇز ئىسسىقتىن ئالتۇن كۈز پەسلىگىچە، تولۇق قوراللىنىپ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز!» ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇڭ يىخۇڭ بىلەن پىسخىكا ۋىراچى جيا لىنا سۆزلىگەن «يازنىڭ ئوتتۇرىدىكى كۈنلەردە ئانار گۈلى ئېچىلدى، يۇقۇمغا قارشى جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» ماۋزۇلۇق نۇتۇق يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

دوختۇرلار تېببىي قەسىمىنى تەكرارلىماقتا.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇلغان ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى پايدا ئالمايدىغان 3-دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا بولۇپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىغانىدى. دوختۇرخانا باشلىقى ياڭ دېچىڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تېخى ئاخىرلاشمىدى، بۈگۈنكى پائالىيەت كۆپچىلىكنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدى».

دوختۇرلار تېببىي قەسىمىنى تەكرارلىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى