ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شياۋچىڭ خەۋىرى): ئۆيدە ئولتۇرغاندا، دائىم كەيپىياتنى تەڭشەيمەن دەپ جىق يەۋېلىپ، كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىدۇ ... 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى) كىلىنىكىلىق پىسخىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ياڭ يەن ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يۇقۇم مەزگىلىدە كەيپىيات خاراكتېرلىك غىزالىنىش مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بىر قانچە تەكلىپلەرنى بەردى.
كەيپىيات خاراكتېرلىك غىزالىنىش دېگەن نېمە؟
ياڭ يەن: ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۇسۇلى بولىدۇ، تاماق يېيىش ئارقىلىق تەسەللى تېپىش، كەيپىياتىنى ياخشىلاش دەل كەيپىيات خاراكتېرلىك غىزالىنىشتۇر. كەيپىياتنى تاماق يېيىش ئارقىلىق تەڭشىگەندە، شۇنىڭغا ئەگىشىپلا پۇشايمان قىلىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەيپىيات مەسىلىسى دەۋرىيلىنىدۇ.
قانداق قىلغاندا كەيپىيات خاراكتېرلىك غىزالىنىش ھەرىكىتىنى يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟
ياڭ يەن: يېقىندا، بىر شەھەر ئاھالىسى پىسخىكىدىن مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيەسىدە ئۆزىنىڭ گاڭگىراشلىرىنى ئېيتىپ، ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىپ، ئۆزىدە غىزالىنىشنى كونترول قىلالماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلگەنلىكى، توردا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭ نېرۋا خاراكتېرلىك ئاچكۆزلۈك ياكى مەجبۇرلاش كېسىلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئىنتايىن تەشۋىشلەنگەنلىكى، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشنى ئويلىغانسېرى ئەھۋالنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەپسىلىي پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭ كەيپىيات مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيادە غىزالىنىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بەك روھىي بېسىم قىلىۋالماڭ، ھازىرقى ئالاھىدە مۇھىتتا تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق، ئۇيقۇسىزلىق، زىيادە غىزالىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرڭ بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئالامىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كەيپىياتنى ياخشىلاش كېرەك، دەپ تەسەللى بەردىم.
كەيپىياتنى تونۇغاندىن كېيىن، بىز بەزى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تېپىپ، كەيپىيات خاراكتېرلىك غىزالىنىشقا تاقابىل تۇرالايمىز، ئاساسلىقى «يېتەكلەش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، دىققىتىنى يېمەكلىككىلا مەركەزلەشتۈرۈۋالماسلىق، ناخشا ئېيتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ئۆي تازىلاش، گۈل-گىياھ بىلەن ھەپىلىشىش، يۈز چاپلىقى چاپلاش، سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دىققەتنى بۇراش، شۇنداقلا ئائىلە ئەزالىرى، دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىدىكى تەشۋىش ۋە بېسىم بولغان ئىشلارنى مۇۋاپىق ئىپادىلەش ۋە ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ناچار كەيپىياتنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشمۇ كەيپىياتنى تەڭشەش ۋە بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.
بۇ ئالامەتلەرنى پەسەيتىدىغان قانداق ئاددىي ئۇسۇللار بار؟
ياڭ يەن: كۆپچىلىك بۇ ئۇسۇللارنى سىناپ باقسا بولىدۇ: بەك بىر نەرسە يېگۈسى كەلگەندە، ئىككى سېكۇنت نەپەس ئېلىپ، بەش سېكۇنت نەپەس قىسىپ تۇرۇپ، ئاندىن نەپەسنى يەتتە سېكۇنتتىن 10 سېكۇنتقىچە ئاستا-ئاستا قويۇپ بېرىش، مۇشۇ تەرىقىدە بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىغاندا، كەيپىياتنى بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
قول بېغىشىغا بىر تال رېزىنكە بوغقۇچ كىرگۈزۈپ، نەرسە يېگۈسى كەلگەندە رېزىنكە بوغقۇچنى تارتىپ قويۇپ بېرىش بېغىشنى ئاغرىتىپ، تاماقنى كونترول قىلىشنى ئەسكەرتسە بولىدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللانغان بولسىمۇ، ئالامەتلەردە ياخشىلىنىش بولمىغان تەغدىردىمۇ، مەسىلىنى ئېغىرلىشىپ كەتتى دېگىلىمۇ بولمايدۇ، كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك. شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى پىسخىكا مەسلىھەت قىزىق لىنىيەسى 3016111-0991غا تېلېفون بەرسە، كەسپىي خادىملار مەسلىھەت بېرىدۇ.
قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى