تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ئاغرىقلار رايونىنىڭ سېستراسى تيەن چېن: بىز ساتىراش، پىسخىكا مەسلىھەتچىسى، رېمونتچى، تازىلىق ئىشچىسى، پەرۋىشچى...

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 33-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى 3-قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۆت نەپەر دوختۇر-سېسترانى نەق مەيداندا ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى سەپ ئىش ئورنىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ۋە تەسىراتلىرىنى تاراتقۇلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلغانىدى.

  تۆۋەندىكىسى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ئادەتتىكى ئاغرىقلار رايونىنىڭ سېستراسى تيەن چېننىڭ بايانى: كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر، مەن ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بىر تېببىي خادىمى، ئىسمىم تيەن چېن، كۆپچىلىك بىلەن بىرگە بېسىپ ئۆتكەن يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مۇساپەمدىن ئورتاقلىشالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.

  2020-يىلى، چوقۇم ئۆزگىچە بىر يىل بولىدۇ. يۇقۇم تۇيۇقسىز تارقىلىپ، ئۈرۈمچىنى بىر كېچىدىلا جىمجىت قىلىۋەتتى. نۇرغۇن دوختۇر-سېسترا ھازىرقى زامان نۇسخىدىكى «يۈچىشۇ»، «يۈفۇشۇ»نى يېزىپ، ئۆيىدىكىلىرىگە بىر ئالدىراش سىمانى قالدۇرۇپلا، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئالغا قاراپ ماڭدى. نۇرغۇن «قارشى يۆنىلىشتە ماڭغۇچىلار»غا ئوخشاش، 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ مەن ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 5-بىنا 4-ئاغرىقلار رايونىدا رەسمىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتىم، ھەر كۈنى ئوكۇل سېلىش، دورا تارقىتىش قاتارلىق ئادەتتىكى خىزمەتتىن باشقا، يەنە خىزمەتداشلار بىلەن «بىر نەچچە ۋەزىپىنى تەڭ ئۈستۈمگە ئالدىم»، ئۈستۈمگە ئالغان ھەر خىل خىزمەتلەر: ساتىراش، پىسخىكا يېتەكچىسى، رېمونتچى، تازىلىق ئىشچىسى، پەرۋىشچى قاتارلىقلار ... ھەر كۈنى ھەر خىل روللاردا توختىماي ئالمىشىپ يۈردۈم.

  پەرۋىش قىلغان ئاغرىقلار ئىچىدە، مەن دائىم ياد ئېتىدىغىنى 74 ياشلىق بىر بوۋاي. بوۋاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت قاتارلىق ئاساسىي كېسەللىكلىرى بار ئىدى، ئاغرىقلار رايونىدا تۇرغان بۇ مەزگىلدە تۇغقانلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، دەسلەپتە ئۇنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن بولۇپ، تەشۋىشلەندى، ئاقارغان ساقاللىرى پاخپايغان، چاچلىرى ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، تۈزەشكە رايى يوق ئىدى، ھەر كۈنى كارىۋاتتا گەپ قىلماي ياتاتتى. «بوۋا، چىقىپ ئايلىنىپ كىرىڭ!» دەپ ئۇنىڭغا مەدەت بەرسەم، ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا يەنە يۇمۇۋېلىپ، قول ئىشارىسى بىلەن خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن قانداق قىلغاندا بوۋاينىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىگىلى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۆتۈشنى خالايدىغان قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاندىم.

  ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش جىسمانىي، تۇرمۇش جەھەتتىكى پەرۋىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، يەنە پىسخىكىلىق پەرۋىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بوۋاينىڭ پاخپايغان چاچ-ساقىلىغا قاراپ، ئۇنىڭ ساقىلىنى ئېلىپ، چېچىنى ياساپ قويسام، روھىي قىياپىتى ياخشىلانسا، كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىپ، داۋالاشقىمۇ پايدىسى بولۇپ قالار دېگەنلەرنى ئويلىدىم.

  8-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەن چۈشلۈك تامىقىمنى يەپ بولۇپ، قولۇمغا بىر نەچچە تال داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تىغنى ئېلىپ، بوۋاينىڭ كېسەلخانىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ساقىلىنى  يىنىككىنە تارتىپ، چېچىنى كۆرسەتتىم، بوۋاينىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلدى. مەن ئىسسىق لۆڭگە بىلەن بوۋاينىڭ يۈزىنى سۈرتۈپ، تىغ بىلەن ئۇنىڭ پاخپىيىپ كەتكەن ساقىلىنى ئېلىپ قويدۇم، يەنە تىغ بىلەن چېچىنى ئالدىرىماي ياساپ قويدۇم. تۇنجى قېتىم تىغدا ساقال ئېلىش، چاچ ياساش بەك تەسكە توختىدى، بوۋاينى زەخملەندۈرۈپ قويۇشتىن قورقۇپ، ئالاھىدە ئېھتىيات قىلدىم. تەخمىنەن 40 مىنۇتلاردا تۆت تال تىغنى ئىشلىتىپ، ئاخىر بوۋاينىڭ ساقىلىنى ئېلىپ، چېچىنى ياساپ بولدۇم. بوۋاي رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ، ساقىلىنى سىلاپ بېقىپ، كۈلۈمسىرىدى، ئارقىدىن باش بارمىقىنى چىقاردى. مەنمۇ ئاغرىپ كەتكەن بېلىمنى رۇسلاپ كۈلۈمسىرىدىم. «پۈتۈنلەي يىپيېڭى تۈسكە كىرگەن» بوۋاي قارىماققا بىر نەچچە ياش ياشىرىپ قالغانىدى، ئۇ ئىككى قولىنى سوزۇپ مېنى قۇچاقلاپ قويدى.

  چېچىنى ياساپ قويغاندىن كېيىن، بوۋاينىڭ روھىي ھالىتىدە روشەن ئۆزگىرىش بولۇپ، كۈلۈمسىرەشكە باشلىدى، يەنە كارىدوردا ئايلىنىپ ماڭىدىغان بولدى. ھەر قېتىم مېنى كۆرگەندە، ئۇ مەن بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆرۈشۈپ، ماڭا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىدىغان بولدى.

  يەنە بىر ئۇنتۇلغۇسىز ئىش شۇكى، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، يېشى ھەممىدىن چوڭ ھېلىقى داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىدىغان، ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق، پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغان بوۋاي خۇشال ھالدا دوختۇرخانىدىن چىقتى.

  دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان شۇ كۈنى چۈشتە، بوۋاي ئادەتتىكىدەكلا كېسەلخانا ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ، باشقا ئاغرىقلار بىلەن بىرلىكتە بىزگە ئەگىشىپ سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا ئىشلىدى، ئۇسسۇل ئوينىدى، ئاندىن خۇشال ھالدا كۆپچىلىك بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، يەنە پات-پات باش بارمىقىنى چىقىرىپ مىنەتدارلىقى ۋە رازىمەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن دوختۇر-سېسترالارغا رەھمەت ئېيتىمەن، سىلەرگە ئاسان ئەمەس، ھەر كۈنى دىمىق ئىسسىق مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، خۇددى ئۆيۈمدىكىلەرگە ئوخشاش مېنىڭ ھالىمدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالدىڭلار! ئۆزۈمنىڭ بالىلىرىمۇ سىلەرچىلىك كۆڭۈل قويماس بولغىيتى ...»

  بوۋاينىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىق خەۋىرى ئاغرىقلار رايونىدىكى دوختۇر-سېسترالارنى ئىنتايىن روھلاندۇرۇۋەتتى. دوختۇرخانىغا ئەمدىلا كىرگەن تۆت-بەش كۈندە، بوۋاي ھەر كۈنى غەمكىن ئولتۇراتتى، كەيپىياتىمۇ تۆۋەن ئىدى، مەن ئوكۇل سېلىپ، دورا تارقاتقاندا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنى كەيپىيات جەھەتتىن يېتەكلەپ، پىسخىكىسىنى تەڭشەشكە ياردەم بەردىم. ئۇ ماڭا ئۆيىنى سېغىنغانلىقىنى، ئۆيىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۇنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغاچقا، ئۆيگە قايتىدىغان ئاشۇ كۈنگە ئۇلىشالايدىغان-ئۇلىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بوۋايغا: «بوۋا، قۇياش ھەر كۈنى يېڭىدىن چىقىدۇ، سىز پەقەت ھەر كۈنى ئۆزىڭىزنى خۇشال تۇتۇپ، داۋالاشقا ماسلاشسىڭىزلا، دوختۇرخانىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ، ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىمىز!» دېدىم. «راستمۇ؟!» ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ ھامان نۇرلىنىپ كەتتى. «قىزىم، مەن گېپىڭىزگە ئىشىنىمەن». بوۋاينىڭ كەيپىياتى ناھايىتى تېزلا ياخشىلىنىپ، ئوكۇل سېلىش، دورا يېيىش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىنتايىن ياخشى ماسلاشتى، سېسترالارغا ئارتۇقچە ئىش قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن، چاي قويۇش، يەر سۈپۈرۈش قاتارلىق بىر قىسىم ئۇششاق ئىشلارنى ئۆزى چىڭ تۇرۇپ قىلدى، پىيادە مېڭىشقا، ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالىتى ئاغرىقلار رايونىدىكى نۇرغۇن ئاغرىققا تەسىر قىلدى.

  بوۋاينىڭ تۇنجى قېتىم ئۇسسۇل ئوينىغاندا، ھاسىسىنى تاشلاپ، بېلەكلىرىنى پۇلاڭلاتقان ھالىتى ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە.

  8-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەن تۇنجى قېتىم كارىدوردا ئاغرىقلارنىڭ سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا مەشق قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدىم. مەشىقتىن كېيىن، ئاغرىقلارنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. بىر قىز پۇخادىن چىقماي قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تاقاپ، يان تېلېفونىدىكى مۇزىكىنى ئاڭلىغاچ، ئۆزى يالغۇز ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. باشقا ئاغرىقلارنىڭمۇ سىناپ باققۇسى بارلىقىنى كۆرۈپ، مەن تىڭشىغۇچ تاقىۋالغان قىزغا مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى ئېچىشنى ئېيتتىم.

  شۇ دەقىقىدە، گۈزەل مېلودىيە كارىدوردا ياڭراشقا باشلىدى، ناھايىتى تېزلا ئۈچ-تۆت ئاغرىق ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئارقىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشى قوشۇلۇپ  ئوينىدى. بۇ چاغدا، كېسەلخانىدىكى بوۋايمۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ ھاسىسىغا تايىنىپ چىقىپ كەلدى، قىزغىن كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە، ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ھاسىسىنى دېرىزىگە قويۇپ، ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. ئۇسسۇل ئوينىغان چاغدىكى ھەرىكەتلىرى جانلىق ۋە يەڭگىل ئىدى، بوۋاينىڭ قوشۇلۇشىدىن كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا چاۋاك چالدى، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە، بوۋاي پۇرسەت بولسىلا سەپكە ئاكتىپ قوشۇلۇپ، بىر نەچچە مىنۇت خۇشال ھالدا ئۇسسۇل ئوينايدىغان بولدى.

  ساتىراش، پىسخىكا يېتەكچىسىدىن باشقا، بىز يەنە رېمونتچى، تازىلىق ئىشچىسى ... كارىۋاتنىڭ ئايلانما دەستىسى قىسىلىپ قالسا، سۇ چۈشۈش كۆلچىكى راۋان بولمىسا، ماتۇڭ توسۇلۇپ قالسا، مۇنچا بۇزۇلۇپ قالسا، تېلېۋىزوردا سۈرەت چىقمىسا ... كېسەلخانىدا بۇنداق «كىچىك كاشىلا»لار كۆرۈلسە، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم بىرىنچى ۋاقىتتا سۈرۈشتۈرۈپ، ئىزدىنىپ ئوڭشىدۇق. كېسەلخانىدىكى جوزا ۋە ئىشىك، كارىدورنىڭ يەر يۈزى ۋە رىشاتكا قاتارلىقلارنى مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم ھەر كۈنى بىرمۇبىر سۈرتۈپ چىقىشىمىز كېرەك، ئاغرىقلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىمۇ يىغىپ بىرتەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. ئاغرىقلاردا تىت-تىت بولۇش كەيپىياتى كۆرۈلسە، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم دەل ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىپ يېتەكلەپ، ھەربىر ئاغرىقنى خۇشال كەيپىياتنى ساقلاپ داۋالاشنى خاتىرجەم قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلىشىمىز كېرەك. ھەر كۈنى كۆپ خىل روللاردا توختىماي ئالمىشىپ تۇرغاچقا، بىز ئۆزىمىزنى «ساۋۇتلۇق باتۇر» دەپ ئاتاشتۇق.

  بىر ئادەمنىڭ كۈچى تولىمۇ چەكلىك بولىدۇ، ئەمما مىليونلىغان ئادەمنىڭ كۈچى چەكسىزدۇر. سېسترا بولغىنىمغا 14 يىل بوپتۇ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا ئورتاق قارشى تۇرۇش كەچۈرمىشىمنى بىر ئۆمۈر ئۇنتالمايمەن. يۇقۇم ئالدىدا، ھەربىر دوختۇر-سېسترا ئەزەلدىن چېكىنىپ باقمىدى، ھەربىر خەلق ساقچىسى، ھەربىر مەھەللە خىزمەتچىسى، ھەربىر پىدائىي ... كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئامانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، بۇ ئىس-تۈتەكسىز، ئەمما خەۋپ-خەتەرگە تولغان جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدىكى «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈچى»گە ئايلاندى.

  ئەڭ ئاخىرىدا بىر كۇبلىت ناخشا تېكىستى ئارقىلىق بۈگۈنكى بايانىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن: «باتۇرلارچە ماڭغىن ئالدىڭغا، سۈبھى تاڭ قالدۇرار زۇلمەتنى. ۋەيران قىلار بارچە تەشۋىشنى، چوقۇم تاپارمىز ھەم جاۋابنى. نۇرغا قارشى ماڭساقمۇ ھەيدەپ زۇلمەتنى، بارلىق يۈكنى تاشلايمىز بىز يالغۇز ئەمەس». بىز بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تىرىشساقلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىپ، گۈللەر ئېچىلىپ، يۇقۇم تارقىغان گۈزەل چاغنى كۈتۈۋالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى