تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا ئىلتىماس قىلىشتا توردا مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەش مەزگىلىدە، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا توردا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغاندا، پوچتىدىن ئەۋەتىش مۇلازىمىتىنى تاللىسا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما ئۆيدىن چىقمايلا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالالايدۇ. نۆۋەتتە، توردا ئىلتىماس قىلىش تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارغا قارىتىلغان.

  8-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (http://rst.xinjiang.gov.cn/)گە كىرىپ، «网上服务大厅»دىكى «社保卡申领»نى چېكىپ كىرىپ، ئەسكەرتمىدىكى تەرتىپ بويىچە توردا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى توردا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش مەشغۇلات كۆرسەتمىسى

  1. تور ئادرېسىغا تىزىملىتىش

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (http://rst.xinjiang.gov.cn/)گە كىرىپ، «网上服务大厅»نى تاللاپ، «社保卡在线申领»نى چېكىپ كىرىمىز، سۈرەتتىكىدەك:

  2. شەخسىي ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش ۋە تولۇقلاش

  (1) كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، «سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى بېجىرگەن ئاپپارات»نى تاللاپ، «ئىزدەش»نى چېكىمىز، ناۋادا سۈرەت كۆرۈنمىسە، ئاۋۋال سۈرەت يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، سۈرەت ۋە كىملىكنى يوللىغاندىن كېيىن شەخسىي ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تولۇقلايمىز، ئاندىن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى توردا ئىلتىماس قىلىشتىكى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتىمىز.

  (2) ناۋادا سۈرەت بار ياكى تەستىقلاشنى كۈتۈۋاتقان سۈرەت بار بولسا، بىۋاسىتە شەخسىي ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى توردا ئىلتىماس قىلىشتىكى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتىمىز.

  3. كارتا ياساش شەكلىنى تاللاش

  كارتا ياساش شەكلى كارتا ياساش تور نۇقتىسى شۇ ۋاقتىدا كارتا ياساش ۋە توردا كارتا ياساشقا ئىلتىماس قىلىشقا بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئىككى خىل كارتا ياساش شەكلى ۋە كارتا ئېلىش شەكلى ئوخشىمايدۇ، ئۆز ئېھتىياجى بويىچە تاللىسا بولىدۇ.

  ناۋادا كارتا ياساش تور نۇقتىسى شۇ ۋاقتىدا كارتا ياساشنى تاللىسا، تۆۋەندىكى تەرتىپتىن پايدىلانسا بولىدۇ:

  (1) ناھىيە، شەھەر ۋە بانكىنى تاللاپ، تەكشۈرۈشنى چېكىپ، تور نۇقتىسىنى تاللىغاندىن كېيىن كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتسە بولىدۇ.

  (2) ئۇچۇرلاردا خاتالىق يوقلۇقىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن تاپشۇرۇرسا بولىدۇ.

  ناۋادا توردا كارتا ياساشقا ئىلتىماس قىلسا، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ھەمكارلاشقان بانكىنى تاللىغاندىن كېيىن، 4-باسقۇچقا ئۆتسە بولىدۇ:

  4. پوچتىدىن ئەۋەتىش-ئەۋەتمەسلىكنى تاللاش

  (1) ناۋادا پوچتىدىن ئەۋەتىشنى تاللىسا، تۆۋەندىكى مەشغۇلاتتىن پايدىلانسا بولىدۇ:

  1) يوللانما قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش

  2) مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تاپشۇرۇش

  3) توردا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، كارتا ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن پوچتىدىن سىزنىڭ قولىڭىزغا تەگكۈزىدۇ، سىز ئىجتىمائىي كاپالەت كارتا ياساشتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سىزنىڭ كارتىڭىزنىڭ ياسىلىشىغا دىققەت قىلسىڭىز بولىدۇ.

  (2) ناۋادا پوچتىدىن ئەۋەتىشنى تاللىمىسىڭىز، يۇقىرىدىكى تەرتىپ ئوخشاش بولۇپ، يوللانما قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تاللىمىسىڭىز بولىدۇ، كارتا ياساش مۇۋەپپقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن شۇ كىشى مۇناسىپ ئاپپاراتقا بېرىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ، كونكرېت نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كارتا ياساشتىكى ئىلگىرىلەشنى تەكشۈرۈش ۋە كارتا ئېلىش نۇقتىسىدىن تەكشۈرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى