تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى كۆپ يول ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلىپىنى ھەل قىلىپ جىددىي بېجىرىلىدىغان ئىشلارنى تۆت سائەت ئىچىدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم جاۋاب قايتۇرىدۇ

     يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلىپىنى ياردەم قىلىپ ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تاراتقۇلاردا ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفونى، شەھەر باشلىقى مەخسۇس لىنىيەسى، ئىستېمال قىزىق لىنىيەسى، پىسخىكىلىق مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيەسى ھەم ئالاقىدار تارماقلار رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفونىنى ئېلان قىلدى. 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى خۇاڭ داخاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى جىددىي بېجىرىدىغان ئىشلارغا مەسئۇل ئورۇنلاردىن، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تۆت سائەت ئىچىدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ ھەم بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلىپىنىڭ ۋاقتىدا ھەل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

     يۇقىرىقى قىزىق لىنىيەلەردىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە ئاممىنىڭ توردىكى ئارزۇ - تەلەپ يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى، شەھەر ئاھالىلىرى «مەركىزىي شەھەر 12345» يان تېلېفون APPسى، «مەركىزىي شەھەر 12345» ۋىيشىن سۇپىسى، «ئۈرۈمچى 12345» ۋېيبوسى ياكى شەھەر باشلىقى خەت ساندۇقى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىشلاردىن مەسلىھەت سورىسا ياكى ئارزۇ - تەلىپىنى ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

     ئۈرۈمچى شەھىرى خىزمەت مەخسۇس بەنزىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلىپىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكى بويىچە دەرھال بېجىرىش، جىددىي بېجىرىش، ئادەتتىكى بېجىرىشتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىيدۇ. ھەرقايسى قوبۇل قىلىش يوللىرى ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئارزۇ - تەلىپى ياكى مەسلىھەت سورىغان ئىشلىرىغا قارىتا، بىۋاسىتە جاۋاب بەرگىلى بولىدىغانلىرىغا دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى بويىچە نەق مەيداندا توغرا جاۋاب بېرىدۇ، نەق مەيداندا جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغانلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھالقىسىغا كىرگۈزىدۇ. ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە توغرا كەلسە، تەرتىپ بويىچە بېجىرىشكە تېز ئۆتكۈزۈپ (تاپشۇرۇپ) بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى دەرھال بېجىرىلىدىغان ئىشلارنى مەخسۇس بەنزىدىكى مەخسۇس ئادەم چىڭ تۇتۇپ بېجىرىشنى ماسلاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇۋالغان ھامان دەرھال بېجىرىدۇ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. جىددىي بېجىرىلىدىغان ئىشلارنى مەسئۇل ئورۇن بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تۆت سائەت ئىچىدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئادەتتىكى بېجىرىلىدىغان ئىشلارنى مەسئۇل ئورۇن بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 12 سائەت ئىچىدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۇقتۇرىدۇ.

     ئۈرۈمچى شەھىرى ئېلان قىلىنغان ئارزۇ - تەلەپ تېلېفونى ۋە مۇلازىمەت تۈرىدىكى تېلېفونلارغا قارىتا، 24 سائەت قوبۇل قىلىدىغان ئادەم بولۇش، خاتىرىلەيدىغان ئادەم بولۇش، جاۋاب بېرىدىغان ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم ھەر كۈنى ئاممىنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى جەملىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىغا يوللاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئىستىلدا لەيلىمىچىلىك قىلغان، يۈزەكىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغان، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلارغا قارىتا، ئىنتىزام بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە، قانۇن بويىچە كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرىدۇ، جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى