تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

10 ياشلىق بالا ياسىغان لاي ھەيكەلدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى يەنە بىر قېتىم جانلىق نامايان قىلىندى

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مېي): «ئاكا-ئاچىلار كۈندە ئالدى-كەينى يۈگۈرۈپ بىزگە مېۋە، كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىمىزنى ئۆلچەپ بەك جاپا تارتىۋاتىدۇ، مەن سېغىز توپىدىن لاي ھەيكەل ياساپ، <يۇقۇم>نىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پىدائىيلارغا، تېببىي خادىملارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) گۇاڭجوۋ كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 10 ياشلىق ئوقۇغۇچى ۋۇ كەييەن مۇخبىرغا، ئۇ سېغىز توپىدا 20دىن ئارتۇق لاي ھەيكەل ياسىغان بولۇپ، «قەھرىمان»لارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى قايتا نايامان قىلىنغان.

    گۈزەل-سەنئەتكە ئىنتايىن قىزىقىدىغان ۋۇ كەييەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 122-باشلانغۇچ مەكتەپ تۆتىنچى يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. يېقىندا، ئۇ پىدائىيلارنىڭ ھەر كۈنى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قولدا ياسالغان لاي ھەيكەللەر ئارقىلىق بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش «قەھرىمان»لىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئويىغا كەلدى. ئۇ تېلېفوندا بۇ ئويىنى مەكتىپىدىكى گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى جېڭ يافاڭغا ئېيتتى.

    «مەن ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئىجادىيەت ئويى بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى رىغبەتلەندۈردۈم، بىر قىسىم پىدائىي، تېببىي خادىملارنىڭ ھەقىقىي سۈرەتلىرىنى توپلاپ، ۋېيشىندا، سىندا ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ۋۇ كەييەن بىر-بىرىدىن ئوبرازلىق، جانلىق، ھەر خىل روھىي قىياپەتتىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش <قەھرىمان>لىرىنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى» دېدى جېڭ يافاڭ.

  «لاي ھەيكەل ئەسەرلىرىدە پىدائىيلارنىڭ ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى تۆكۈۋاتقانلىقى، تېببىي خادىملار، پىدائىيلارنىڭ ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كۆرۈنۈشلەر بار. بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، شىنجاڭغا، ئۈرۈمچىگە مەدەت بېرىمەن» دېدى ۋۇ كەييەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى