ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ھەر قايسى بۆلۈم دوختۇرلىرى ۋەكىللىرى ئامبۇلاتورىيە بىناسى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەرمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىرلار دىڭ رۇڭشەن، مالىك خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 18دە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلارنى تەشكىللەپ «جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى» قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بارلىق دوختۇر-سېسترالارنى داۋاملىق ھالدا كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. قەسەم بېرىشكە قاتناشقان دوختۇرلار كوللېكتىپ ھالدا: «ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىپ، تۆھپە قوشۇشقا رازىمەن، مېھىر-مۇھەببەت چەكسىز، بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز! پارتىيە ۋە خەلق خاتىرجەم بولۇڭلار!» دەپ توۋلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ھەر قايسى بۆلۈم دوختۇرلىرى ۋەكىللىرى ئامبۇلاتورىيە بىناسى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەرمەكتە.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ھەر قايسى بۆلۈم دوختۇرلىرى ۋەكىللىرى ئامبۇلاتورىيە بىناسى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەرمەكتە.
شۇ كۈنى، بىر قىسىم دوختۇرلار ۋەكىللىرى ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ ئالدىدا كوللېكتىپ قەسەم بەردى، بۇ دوختۇرخانىدىكى باشقا دوختۇرلار ئۆز بۆلۈملىرىدە قەسەم بەردى، ئارقىدىن دوختۇرلار دەرھال خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار ئۆز بۆلۈملىرىدە قەسەم بەرمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى «جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى» كۈنى بولۇپ، «جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى»نىڭ تەسىس قىلىنىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى نامايان قىلىپ، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار قەسەم بەرمەكتە.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار قەسەم بەرمەكتە.