دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 600دىن ئاشتى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 23 ئاغرىق دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 12 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. ھازىرغىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 495، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 126، جەمئىي 621.
ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بىرلەشمە داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لېي ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئومۇمىي سانى 600دىن ئاشتى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالىنىڭ سانى دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن ئاشتى، بۇ بىزنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى ۋاقتىدا ئىلغاپ تەكشۈرۈشىمىز ۋە دەل جايىدا قۇتقۇزۇش - داۋالىشىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى، كۈچلۈك بولغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىز، بارلىق دوختۇر - سېسترالار داۋاملىق ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەڭ قۇدرەتلىك جەڭگىۋار كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا ياردەم بېرىمىز.