تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇلار «ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ» كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، يۈ مېڭرەن، سۇ لۇپىڭ

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 3 - قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى بايراملىق تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى.

بۇ ئالاھىدە بايرام يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە مەنسۇپ. بۇ «يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر» ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئاغرىقلارغا ئۈمىد ۋە يورۇقلۇق ئېلىپ كەلدى. ئۇلار كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى، ئېسىل ئىستىلى، ئىلمىي روھى، كۆزگە كۆرۈنەرلىك خىزمىتى ئارقىلىق «ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش»تەك ئالىيجاناب روھنى شەرھلىدى.

مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش

«شىنجاڭ خەلقى سىلەرگە موھتاج!» بىرلا بۇيرۇق بىلەن، خۇبېي، سىچۇەن، جياڭسۇ، شەندۇڭ، لياۋنىڭ، شەنشى، چۇڭچىڭ، خېنەن، خۇنەن، جىلىن، جېجياڭ، شاڭخەيدىن ئىبارەت 12 ئۆلكە، شەھەرنىڭ 21 تەكشۈرۈش ئەترىتى تېز سۈرئەتتە شىنجاڭغا ياردەم بەردى.

يۇقۇم ئالدىدا ۋاقىت ھاياتلىق دېمەكتۇر، بىرىنچى ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېپىنى ساقلاش بارلىق كىشىلەرنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشىغا تېخىمۇ موھتاج. «خۇبېيغا ياردەم بېرىش تەجرىبىمىز بار، بۇ قېتىم بىز شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندا، كۆپچىلىكنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا تاماملاشقا تېخىمۇ ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار بولدى» دېدى جېجياڭ ئۆلكىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش مەسئۇلى لى جېن. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىدە جەمئىي 64 ئادەم بار بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 34.3 ياش، بۇ ياش كوللېكتىپ جاپاغا چىدىدى ھەم كەسىپنى ئىنتايىن قەدىرلىدى.

بۇنىڭ ئارقىسىغا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئۈنۈم يوشۇرۇنغان. تەجرىبىخانىدىكى ئۈسكۈنىلەر كېچە - كۈندۈز ئايلىنىپ، تەكشۈرۈش خادىملىرى تۆت ئىسمېنا بويىچە ئالمىشىپ، 21 تەكشۈرۈش ئەترىتى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئايرىپ ئېلىش ئەسۋابى، يالتىراق نۇرلۇق ئۆلچەش PCR ئەسۋابى، ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان تۇخۇم ساندۇقى ھەم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سىناق دورىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ كېلىپ تېز ياردەم بېرىپ، بۇ مەيدان يۇقۇم ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قىممەتلىك ئاچقۇچلۇق ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۈنۈمى يەنە جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى قەتئىي ئىشەنچنى ئېلىپ كەلدى.

«ICU2 ئاغرىقلار رايونىدىكى بىر خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقنىڭ قىزىلئۆڭگەچ يولى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن، ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى كىرگۈزۈشكە ئامال بولمىدى، كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشنى سورايمىز.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ھەزىم قىلىش يولى 1 - بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى چېن چيەن دەرھال «مېنىڭ تەجرىبەم بار، ھازىرلا باراي» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

ۋۇخەننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش تەجرىبىسىگە ئىگە چېن چيەن ناھايىتى تېزلا ئاشقازان ئەينىكى ئارقىلىق ئاغرىقنىڭ قىزىلئۆڭگەچ يولىدا تۇرۇپ قالغان يېمەكلىكنى تازىلىدى. قىزىلئۆڭگەچ راۋانلاشتى، ئوزۇقلۇق ئۈزۈلمەي كىردى، بۇ خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولدى.

چېن چيەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ، ماڭا نىسبەتەن غايەت زور تۈرتكە. مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىيجاناب دوختۇرلۇق ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىپ، داۋالاش تېخنىكىسىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىپ، دوختۇرلۇق ئىستىلىغا ئەمەل قىلىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، سەپداشلىرىم بىلەن بىللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىمەن».

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»نىڭ جاۋاب قەغىزىنى يېزىش

«ئاغرىقلارنىڭ يېنىغا بارمىغۇچە كۆڭلۈم ئەمىن تاپمايدۇ.» بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ ICU مۇدىرى دۇ بىن مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا قىش، ئەتىياز، يازنى باشتىن كەچۈردى ھەم ۋۇخەن، خېيلۇڭجياڭ، بېيجىڭ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت جاينى ئايلىنىپ چىقتى.

ئالاھىدە مەزگىلدە، چاقىرىققا بويسۇنۇش. ئۈرۈمچىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، دۇ بىن، چيۇ خەيبو، جاۋ جيەنپىڭ، جېڭ رۇيچياڭ قاتارلىق «دۆلەت كوماندىسى»دىكى مول تەجرىبىگە ئىگە ئون نەچچە مۇتەخەسسىس تەرەپ - تەرەپتىن تېز ياردەمگە كېلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىدا داۋاملىق باشلامچى بولدى.

ھەر كۈنى كېسەللىك ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كارىۋىتى يېنىدا تۇرۇپ كۆرسەتمە بېرىش، ياش دوختۇرلارنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئاغرىقلارنىڭ ئىشەنچنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىش...

«ئاغرىقلارنى قوغداش دوختۇرلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دوختۇرلارغا نىسبەتەن ئەڭ زور مۇكاپات.» مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جېڭ رۇيچياڭنىڭ چارچىغان روھىي ھالىتىدىن ئىپتىخارلىنىش ۋە خۇشاللىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر دوختۇر، ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنە، ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بايلىقلارنى يۆتكەپ، توپلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ئاتلاندى. بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، «دۆلەت كوماندىسى» «شىنجاڭ كوماندىسى»نى باشلاپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، «ھاياتلىقنى قوغداش جېڭى» قىلدى. بىرخىللاشقان، قېلىپلاشقان قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، تۈركۈم - تۈركۈم ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

«بۇ قېتىمقى دوختۇرلار بايرىمىدا، بىز يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلدۇق. باش شۇجى بىزنى <ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇڭلار> دەپ ئىلھاملاندۇردى. بۇ ماڭا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە مەدەت بەردى.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5 - دوختۇرخانا نەپەس يولى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خەيشۈ مەسئۇل بولغان ئاغرىقلار رايونىدىكى نۇرغۇن ئاغرىق ئارقا - ئارقىدىن دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇنىڭدىن ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولدى، «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىمىز، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىمىز. غەلىبە قىلىش تاڭ نۇرى ئالدىمىزدىلا، بىز ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، قىلچە بوشاشماي، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايمىز».

بىر نىيەتتە ئورتاق قوغداش، مېھىر - مۇھەببەتكە، يورۇقلۇققا، ئىللىقلىققا تولۇش

ICU ئاغرىقلار رايونىدا، ھەربىر ئاغرىقنىڭ ئەھۋالىنى ئېغىر كېسەل دوختۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن پىششىق بىلىدۇ. ھەربىر كۆزىتىش - ئۆلچەش كۆرسەتكۈچىدىكى ئىنچىكە ئۆزگىرىش، ھەر قېتىملىق جىددىي ECMO قۇتقۇزۇشى، ھەر قېتىمقى دەل توغرا بولغان داۋالاش ھۆكۈمى ئېغىر ئاغرىق، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى ئۆلۈم گىردابىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.

يېرىم كېچىدە، تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئاغرىقنىڭ بارماق تومۇرى ئوكسىگېن قىسقۇچى چۈشۈپ كەتتى، دوختۇر بېرىپ قىسىپ قويدى، بىر سائەتتىن كېيىن ئاغرىقنىڭ ئوكسىگېن بىرىكمە كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىپ ئۆلچىدى، ئۇلار «ئاغرىقتىكى مۆجىزىنىڭ دوختۇرنىڭ قوغدىشىدىن كېلىدىغانلىقى»غا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

ئاغرىقلار رايونىدا، «مېھىر - شەپقەت سۇپىسى» «تىجارەت» باشلىدى، يېمەكلىك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئاغرىقلارنىڭ ھەقسىز تاللاپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈلۈپ، مېھىر - شەپقەت مۇجەسسەملەندى.

ھەر كۈنى چۈشتە، ئاغرىقلار رايونىدا مۇزىكا ياڭرىشى بىلەن، يېنىك ئاغرىقلار تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا مەشىق قىلىپ، ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئوينىدى، ئاغرىقلار كېسەل سەۋەبىدىن بۇرۇقتۇرما بولمايدىغان بولدى.

«سىلەر ھالىمىزدىن خەۋەر ئالغاچقا، سالامەتلىكىمىز ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى...» ئاغرىقلار رايونىدا قۇرۇلغان ۋىيشىن توپىدا، دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلار ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، كېسەل ئالۋاستىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

بەزىلەر بۇ، غەمخورلۇق، ھەربىر ھاياتلىق ئىللىق مۇئامىلىگە ئېرىشىدۇ، دېدى.

بەزىلەر بۇ، چىڭ ساقلاش، يۇقۇم ھۇجۇم قىلغان چاغدىكى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، دېدى.

ئاغرىق ليۇ ھەدە، ئادەتتىكى ئاغرىقلار رايونىدىن ICUغا كىرىپ، ئاندىن يەنە ئادەتتىكى ئاغرىقلار رايونىغا قايتىپ كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كېسىلى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، شۇ مەزگىلدە ئۇ داۋالاش كوللېكتىپلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇش - داۋالىشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىپ، مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋېتىشىڭلارنى، سىلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل ھالىتىڭلارنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى