تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرەيلى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

3 - قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى بايراملىق تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇھىم، زور تۆھپە قوشۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلدى؛ ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى كەڭ دائىرىدە شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك». باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى مۇقەررەركى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تېببىي خىزمەتچىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا كۆيۈنىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ئاق خالات بولسا جەڭ كىيىمى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، تولۇق قوراللىنىپ قارشى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىدى. يىل بېشىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، خۇبېيغا بېرىپ ياردەم بېرىشتىن تارتىپ، بۇ مەزگىلدىن بۇيانقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگىچە، ئۇلار جاپاغا ئالاھىدە چىداش، كۈرەش قىلىشقا ئالاھىدە ماھىر بولۇش روھىنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ - قۇتقۇزۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى. ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتىگە قاراپ كېڭەيمەكتە، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدا ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرنىڭ تۆھپىسى زور بولدى. ئۇلار خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، قىلچە قورقماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان خىزمەت ئىستىلى ۋە كەسپىي تېخنىكىسى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى. ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشتەك ئالىيجاناب روھنى تارقاتتى، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبانلىقىدەك چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتنى شەرھلەپ، ھەر مىللەت تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

جىددىي پەيتتە، قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ. ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرنىڭ ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىسىگە ئېلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى يۈكسەك ھۆرمىتىمىزنى قوزغىدى. بۈگۈن، بىز ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇشتەك ئالىيجاناب روھىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتەك قەتئىي ئېتىقادىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

كۆپچىلىكنىڭ غېمىنى قىلغۇچىلارنى كۆپچىلىك بىر نىيەتتە قوغدىشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتى، تەرەققىيات بوشلۇقى، كەسىپكارلىق مۇھىتى ۋە جەمئىيەت ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ھاياتلىقنى ھۆرمەتلىگەنلىك دەيدىغان ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي بولغان ھاياتلىق قارىشى، ساغلاملىق قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتىگە بولغان چۈشىنىش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى سىجىل يارىتىشى كېرەك.

ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىزدۇر. ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈشتە، تېخىمۇ مۇھىمى، بىز ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق چاغدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قورقماس روھىدىن، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقمايدىغان، ئۇدا جەڭ قىلىدىغان جان تىكىپ ئېلىشىش روھىدىن چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز؛ ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان مەسئۇلىيەتچان روھىدىن ئۆگىنىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىدە يېتىلىپ شەكىللەنگەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى