تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى باقمىچىلىق بازىسىدىن ئاھالىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان تەمىنلەش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇردى

ئۇزارتىپ قۇرۇلغان 2014 كاپالەت نۇقتىسى گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ ئىدارە باشلىقى يەن جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى باقمىچىلىق بازىسىدىن ئاھالىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ پۈتۈن ھالقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ۋاقىتلىق چېدىر تىكىش، ئۈستى يېپىق ئاپتوموبىل بىلەن توشۇش قاتارلىق شەكىللەردە كاپالەت نۇقتىسىدىن 2014نى ئۇزارتىپ قۇرۇپ، ئادەتتىكى ئۆزى سالغان ئۆيلەر قاتارلىق رايونلارغا گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش كاپالىتى مۇلازىمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگو رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، مىدۇڭ رايونى قاتارلىق ئالتە رايونغا سوغۇق توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەقسىز سەپلەپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار، پىدائىيلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەر ۋىيشىن توپى، تېلېفون قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىن توپلاپ، دەل جايىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى ئۈزۈلدۈرمەي قانات يايدۇردى. پۈتۈن شەھەردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە مۇۋاپىق پەيتتە ھەقسىز يېڭى گۆش تارقىتىپ بەردى، نۆۋەتتە جەمئىي 104 توننا يېڭى گۆش ھەقسىز تارقىتىلىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار 9223 ئائىلىلىك ئامما مەنپەئەتلەندۈرۈلدى.

گۆش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى بېكىتىلگەن سويۇش كارخانىلىرى، توپ سېتىش بازارلىرى ۋە گۆش تۈرىدىكىلەرنى تەڭشەپ توشۇش كارخانىلىرىغا بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىپ، گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسىنى تۆۋەنلەتتى ھەم گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىغا چەك قويدى؛ سويۇش ھالقىسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىرىپ - چىققان ئاپتوموبىل ۋە قۇشخانا مۇھىتىنى قاتتىق تەلەپ بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، چارۋا - ئۆي قۇشلىرى قۇشخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە تەكشۈرۈپ دەلىللەش، سويۇش ئالدىدا چارلاپ تەكشۈرۈش، سويۇش جەريانىدا نازارەت قىلىش ۋە مەھسۇلاتلارنى كارانتىن قىلىش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازارغا سېلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ سېتىش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ھالقىسىدا تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېتىش، توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلىدى. تەقسىملەپ يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن سىرتقى ئورالمىنى قاتتىق تەلەپ بويىچە دېزىنفېكسىيەلىدى، تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچىلەر پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيىپ، ئۇچراشماسلىق شەكلىدە تەقسىملەپ يەتكۈزدى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سويۇپ تەمىنلەش مىقدارى 220 توننا ئەتراپىدا مۇقىملىشىپ، يېڭى قوي گۆشىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سىرتتىن يۆتكەپ كىرگۈزۈلۈش مىقدارى 80 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تەمىنلىنىدىغان يېڭى گۆش مىقدارى 300 توننا ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قوي - كالا گۆشى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلەپ، يۇقۇم يۈزبېرىشتىن ئىلگىرىكى بىلەن تەڭلەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى