ئىلى ئوبلاستىدىكى 17 مىڭ 600 يەككە سودا - سانائەتچى 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلغا ئېرىشتى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جەزىرە نىسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر جى شيەنفېڭ
7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئەتىگەندىلا، غۇلجا شەھىرى سىتالىن كوچىسى 3 - كوچا بويىدىكى دۇكانلار كەينى - كەينىدىن ئېچىلدى. شېن شۆليەن ئۆزى ئاچقان ئەرمەك ھايۋانلار ئامبۇلاتورىيەسىگە كېلىپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، كوچىدا ناشتىلىق ۋە كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقىدىن ھۇزۇرلاندى.
بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى شېن شۆليەن ئۆزىنى بۇنداق يېنىك ھېس قىلمىغانىدى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ كىرىمى يوق ئىدى، يەنە ئۆي ئىجارىسى، دۇكان خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنىمۇ ئويلىشاتتى، ئىگىلىك تىكلىگەندىن بۇيانقى «ئەڭ قىيىن مەزگىل»نى باشتىن كەچۈرگەنىدى. شېن شۆليەننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە ياندىكى ئەتكەنچاي دۇكىنىدىكى شېن پىڭ، قاتلىما دۇكىنىدىكى مايمۇنەمۇ بار ئىدى، بولۇپمۇ مايمۇنە ئۆزى يالغۇز 11 ياشلىق بالىسىنى بېقىپ، دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يىل بېشىدىكى يۇقۇمغا دۇچ كەلدى.
شېن شۆليەن تۇرۇشلۇق سايبويى كوچىسى غۇلجا شەھىرىدىكى سودا تور نۇقتىلىرى ئەڭ زىچ كوچا ئىدى. «بۇ يىل يىل بېشىدىكى يۇقۇم مەزگىلىدە، سودىگەرلەر چىقىملا قىلىپ كىرىم قىلالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا، موتورنىڭ مېيى قالمىغاندەك، يۈرۈشتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى» دېدى غۇلجا شەھىرى سايبويى كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كەفۇر.
شېن شۆليەن قاتارلىق ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئەڭ جىددىيلەشكەن ۋاقىتتا كوچا باشقارمىسى خۇش خەۋەر يەتكۈزدى، شېن شۆليەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلگەچكە، 16 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى؛ شېن پىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە بېرىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلگەچكە، ئۈچ يىللىق ھەر ئايدا 647 يۈەنلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى؛ مايمۇنە 40 مىڭ يۈەن «ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەرز پۇلى» ئىلتىماس قىلدى، ھۆكۈمەت ئۆسۈمنىڭ يېرىمىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى.
«بىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى مەھەللە كادىرلىرى بولدى، ئۇلار ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىپ، قانداق قىيىنچىلىقىمىز ۋە ئارزۇ - تەلىپىمىز بارلىقىنى سورىدى، بىز ئۈچۈن ئالدى - كەينى قاتراپ ئالاقىدار ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ بەردى» دېدى شېن شۆليەن.
قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىنىڭ قەلب ئېتىزىنى يورۇتقانلىقىنى ھېس قىلغانلاردىن يەنە قورغاس شەھىرى ئىچېگاشەن شىبە يېزىسى چىچىگاشەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاۋ دۇڭمىڭمۇ بار. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن جاۋ دۇڭمىڭ ئىلگىرىكى تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، مېۋە خالتىسى پىششىقلايدىغان كىچىك زاۋۇت قۇردى، كۈتۈلمىگەندە يۇقۇمغا دۇچ كېلىپ، مەبلەغ ئوبوروتىدا مەسىلە كۆرۈلدى. قورغاس شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئۇنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇنىڭ 150 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى.
[سىياسەت] ئاپتونوم رايون «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى 16 تۈرلۈك تەدبىر»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مۇناسىپ تەدبىر تۈزۈپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»ئېتىپ، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى.
[ئەمەلىيلەشتۈرۈش] ھازىرغىچە، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق 11 ناھىيە (شەھەر) ۋە دولاتا پورتى خامچوتتا يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى خەۋپ - خەتەر تۆلەم تولۇقلىمىسى پۇلىدىن 111 مىليون 400 مىڭ يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ھېسابات بويىچە ھېسابلاشنى يولغا قويۇپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى خەۋپ - خەتەر تۆلەم تولۇقلىمىسىغا ئىشلەتتى، 17 مىڭ 600 يەككە سودا - تىجارەتچى 974 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىغا ئېرىشتى. چىن ھېسسىيات ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغان بۇ تەدبىرلەر بازارنى جانلاندۇردى، غۇلجا شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن ھازىرغىچە، غۇلجا شەھىرىدە يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان يەككە سودا - سانائەتچى 4595كە، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 50 مىڭدىن كۆپرەككە، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 60 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشقان.