تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇردۇڭلار ساغلاملىقنى قوغدىدىڭلار

[سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن]

بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇردۇڭلار ساغلاملىقنى قوغدىدىڭلار

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە، ئىش ئورنىدا ئۇدا 14 سائەت خىزمەت قىلغان دوختۇر لۈ جيەنخۇڭنىڭ كۆز قوغداش ئەينىكى ھوردىلىپ سۇ تامچىلىرىغا تولدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى)

8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك داۋالاش ئەترىتىنىڭ دوختۇرى مېھرىگۈل ئىلھام ئاغرىقلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىدا، تەكشۈرگۈچى تېخنىك ھەربىر ئەۋرىشكىنى ئەستايىدىل تەكشۈرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

8- ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU2 ئاغرىقلار رايونىدا، ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەر تېببىي مەركىزى 3 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما لۇڭ ئاغرىقلارغا مەدەت، ئىلھام بەرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

8- ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU3 ئاغرىقلار رايونىدىكى تېببىي خادىملار CT ئۆيىدە ئاغرىقنى تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

8- ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، ئاغرىقلار رايونىغا كىرىشكە تەييارلىنىۋاتقان دوختۇر زېڭ يۈن سېسترا تيەن لىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

8- ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU2 ئاغرىقلار رايونىدا، مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن دۇ بىن (سولدىن 3 - كىشى)، جاۋ جيەنپىڭ (سولدىن 2 - كىشى)، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ياڭ يىنىڭ (سولدىن 1 - كىشى) بىرلىكتە ئاغرىقنى دىياگنوز قويۇپ داۋالىماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

سىز قارشى يۆنىلىشتە يۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ۋىرۇس بىلەن ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشنى تاللىدىڭىز؛ سىز قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، كارىۋات يېنىدىكى كۆزىتىش - ئۆلچەش ئەسۋابى ئالدىدا پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن قاراپ تۇردىڭىز؛ سىز چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىڭىز بىلەن، ئاغرىقلار دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان چاغدا قايتا - قايتا تاپىلىدىڭىز...

ھاياتلىقنى قەدىرلىدىڭلار، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلدىڭلار، ئاغرىقلارنىڭ ھاياتلىق ھاۋالىسى دەل سىلەر، تېببىي خادىملار قەتئىي چىڭ تۇرىدىغان مىزان بولدى.

جەڭ بولسىلا، چاقىرغان ھامان كەلدىڭلار. يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بۇرغىسى يەنە بىر قېتىم چېلىنغاندىن كېيىن، سىلەر، تېببىي خادىملار تېزدىن ئىش ئورنىغا يىغىلىپ ئەڭ ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندىڭلار. سىلەر ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىۋاتىسىلەر، سىلەر چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىڭلارنى قوش قوللاپ سۇنۇپ، بىزگە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچۇڭلارنى، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان قەلبىنى نامايان قىلدىڭلار، پىداكارلىقىڭلارنى، خەتەردىن قورقمايدىغانلىقىڭلارنى ھېس قىلدۇردۇڭلار.

ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلدىڭلار، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلدىڭلار، سىلەر، تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇشىڭلار، داۋالىشىڭلار ۋە سەۋرچانلىق بىلەن تەسەللى بېرىشىڭلار نەتىجىسىدە، ئاغرىقلار بىر - بىرلەپ كېسەلخانىدىن چىقتى، ۋاھالەنكى مۇداپىئە كىيىملىرى سەۋەبلىك پەيدا بولغان ئىز ۋە تاتۇقلار سىلەرنىڭ «بەلگە»ڭلار بولۇپ قالدى، كىيىم - كېچەكلەرنىڭ تەردىن چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىشى سىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى.

بۈگۈن 3 - قېتىملىق «جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى». بۇ ئالاھىدە بايرامدا، بىز يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز − سىلەرنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان پولات سېپىل قۇرغانلىقىڭلارغا رەھمەت!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ