تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 11-شى ئاياللار بىرلەشمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلدى

«نۆۋەتتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئايال پىدائىيلار ‹پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى› يەنە بىر قېتىم قوزغىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلاشتى.» 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 11-شى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ لى مۇنداق دېدى: «پۈتۈن شىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى، كەڭ ئايال ئاچا-سىڭىللار ۋە تۈمەنلىگەن ئائىلە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدىكى ‹ئىككى ئۆزگىچە رولى›نى جارى قىلدۇرۇپ، ھەممە كىشى قاتنىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىمىز» دېدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 11-شى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بەزىلىرى خىزمەت ئورنىنى چىڭ ساقلىدى، بەزىلىرى مەھەللە پىدائىيلىرى بولدى، بەزىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنۇپ ئائىلىدە ئىش بېجىردى، مەيلى قايسى ئورۇندا بولسۇن، ئۇلار ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 11-شى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بارلىق شى ئاياللىرىغا چىقارغان تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مىليونلىغان ئائىلىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

(سۇڭ شياۋلياڭ)

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ