تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش پىدائىيسى: ئاھالىلەرنىڭ «قەلب يارىسى»نى داۋالاش

  «ياخشىمۇسىز، پىسخىكا مەسلىھەتچىسىمۇ؟ مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم، بىرەرسى بىلەن پاراڭلاشقۇم بار.» 8-ئاينىڭ 16- كۈنى، شۈ دەنۋېي بىر ئاھالىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى، ئۇ جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، سەۋرچانلىق بىلەن قارشى تەرەپكە تەسەللى بەردى.

  ئۈرۈمچىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەھەللىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلىرى، ماددىي ئەشيالارنى توشۇش پىدائىيلىرىدىن باشقا، پىسخىكىلىق يېتەكلەش پىدائىيلىرىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان كۈچ بولۇپ قالدى، ئۇلار كەسپىي بىلىمى ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق مەسلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  24 ياشلىق شۈ دەنۋېي ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ داۋانچىڭ رايونىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملار ۋە تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى توردا «بىرگە بىر» پىسخىكىلىق مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  شۈ دەنۋېي 2019-يىلى 8-ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن غەربىي رايون پىلانى پىدائىيسى سالاھىيىتى بىلەن گۇاڭدۇڭدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. ئالىي مەكتەپتە پىسخولوگىيە كەسپىنى تاللاپ ئۆگەنگەچكە، ئۇ پىسخىكلىق مەسلىھەت بېرىش پىدائىيلىقىغا تىزىملىتىپ، ئۆزىنىڭ ئازراق تۆھپىسىنى قوشۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  ھەر چاغ، ھەر جايدا پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئۈچۈن، شۈ دەنۋېينىڭ يان تېلېفونى 24 سائەت ئوچۇق تۇردى. بىر ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ قوبۇل قىلغان مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ئىچىدە پىسخىكىلىق يېتەكلەشتىن باشقا، يەنە ساغلاملىق، داۋالاش، سىياسەت تەشۋىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ياردەملەرمۇ بار ئىدى.

  شۈ دەنۋېي مۇنداق دېدى: مەسلىھەت سورىغۇچىلار ئىچىدە، نۇرغۇن كىشى تۇرمۇش رىتىمى بۇزۇلغاچقا زېرىككەنلىكى، بۇرۇختۇرما بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ خىل مەسلىھەت سورىغۇچىلارغا يولۇققاندا، ئادەتتە قارشى تەرەپكە بۇ يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان ئومۇميۈزلۈك پىسخىكىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئالاقزەدە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، دىققەتنى چېچىپ، باشقا ئىشلارنى قىلسا بولىدىغانلىقى ئېيتىمەن. بىز پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مىساللىرىنى ھۆكۈم قىلىپ تۈرگە ئايرىيمىز، يېنىكلىرىگە تېلېفوندا مەسلىھەت بېرىمەن، ئېغىرلىرىغا كەسپىي خادىملار ئارىلىشىدۇ».

  ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاش، مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىش، شۈ دەنۋېي باشقا 30 نەچچە پىدائىي بىلەن بىرلىكتە، كەيپىياتى داۋالغۇپ تۇرغان ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلارغا ۋاقتىدا تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى يۇقۇمنى يېڭىش ئىشەنچىگە ئايلاندۇردى.

  «باشقىلارغا ياردەم بېرەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بىز ئۇلارغا ياردەم قىلىۋاتىمىز دېگەندىن كۆرە، ئۇلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىمىز، دېگىنىمىز تۈزۈك» دېدى شۈ دەنۋېي.

      (مۇخبىر جاڭ دۇڭمې/ سۈرەتنى داۋانچىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى