تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋۇ شياڭۋېي: باشتىن-ئاخىر تېببىي خادىملارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماسلىق

ۋۇ شياڭۋېي ۋۇخەندىكى دۇڭشىخۇ فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا ئاغرىقدىن كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە (2-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان).

(سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: كېسەلخانا چارلاش، يىغىن ئېچىش، پەن تەتقىقات تېمىسىنى تەتقىق قىلىش... 8-ئاينىڭ 15-كۈنى پىروفېسسور ۋۇ شياڭۋېي ئادەتتىكىدەك توپتوغرا بىر كۈن ئالدىراش بولدى.

ۋۇ شياڭۋېي بۇ يىل 2-ئايدا دۆلەت جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى (بىڭتۇەن) ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەرنى باشلاپ، قەيسىرانە كۈرەش ئىرادىسى بىلەن ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ دۇڭشىخۇ فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.

ۋۇ شياڭۋېي ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىناسى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، داۋالاش تېخنىكىسى، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش، پەرۋىش، پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىش، ئارقا سەپ كاپالىتى قاتارلىق كەسپىي خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور قوشۇننى باشلاپ، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەر كۈنى كەچتە سەھەر سائەت ئۈچ-تۆتلەرگىچە ماسلىشىپ قوماندانلىق قىلدى، ئاۋازى پۈتۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: «كەلگەنىكەنمىز دەرھال جەڭگە ئاتلىنىشىمىز كېرەك، كۆپچىلىك پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنى داۋالاپ ساقايتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ!»

شۇ مەزگىلدە، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋۇ شياڭۋېي ھەر كۈنى تۆت-بەش سائەتلا ئۇخلىدى، باشقا ۋاقىتتا كېسەلخانا رايونى، يىغىن مەيدانى ۋە ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى رايونىدا يۈردى. بىر ئاي ئىچىدە، ۋۇ شياڭۋېي كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، جەمئىي 1760دىن ئارتۇق ئاغرىقنى داۋالىدى.

ۋۇخەندىكى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا، ھەر كۈنى پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بىر كۈنى، ۋۇ شياڭۋېي پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسىسلەرنى باشلاپ بۆلۈمچىگە كىرىپ تەكشۈرگەندە، بىر ئايال ئاغرىقنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايقاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈرۈشتۈردى، ئەسلىدە ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھىتتا، ئايال ئاغرىقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، جىددىيلەشكەچكە داۋالىنىشقا كۆڭلى يوق ئىدى. ۋۇ شياڭۋېي دەرھال ئۆزى تۇرۇشلۇق دۇڭشىخۇ رايونى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئېرىنىڭ باشقا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى تېزلا تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشالىدى، شۇنىڭ بىلەن ئايال ئاغرىقنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىپ، خاتىرجەم داۋالاندى.

«ئاغرىقنىڭ قەلب دوختۇرى بولۇش ئىنتايىن زۆرۈر.» ۋۇ شياڭۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوچۇق شەكىللىك كېسەل رايونى بولۇپ، ئاغرىقلار بىر-بىرىنىڭ يېنىغا بارالايدۇ، كارىۋات بىلەن كارىۋات ئارىلىقى چوڭ ئەمەس، بىر ئاغرىقنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلسىلا، ئاسانلا ئەتراپتىكى ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ ۋە كاشىلا بولىدۇ، شۇڭا فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا پىسخىكىلىق داۋالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور.

1991-يىلى، ۋۇ شياڭۋېي شىخەنزە داشۆسىنىڭ تېببىي شۆيۈەنىگە ئۆتتى. 1996-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ شىخەنزە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلدى ھەم تېزلىكتە جىگەر، ئۆت تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ۋۇ شياڭۋېي ئىچكىرىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇدى، 2005-يىلى يەنە ئامېرىكىغا ئوقۇشقا باردى ھەم ئامېرىكا تېببىي پەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ياش ئالىملار مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئەينى چاغدا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن داڭلىق مەكتەپلەر ۋۇ شياڭۋېينى تەكلىپ قىلماقچى بولدى، ئەۋزەل سۇپا ۋە ياخشى تەمىناتقا قارىتا ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ باشقا جايلارغا ۋە چەت ئەللەرگە سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە بېرىشىم بۇ يەردىن كېتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىڭتۇەننىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى ئاتلىنىش ئۈچۈندۇر».

ۋۇ شياڭۋېي ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن غول ھۈجەيرە ۋە قايتا ھاسىل بولۇش مېدىتسىناسى تەتقىقاتىغا كىرىشتى، ئۇ كوللېكتىپ بىلەن قاپلىق قۇرت كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاشنىڭ بىر يۈرۈش يېڭى ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى. نۆۋەتتە، بۇ نەتىجە پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇلدى ھەمدە تېببىي ئىلىمنىڭ تولۇق كۇرس دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى.

خەلقئارادا، ئۇ تۇنجى قېتىم «غول ھۈجەيرە ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىش» تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەتقىقات نەتىجىسى كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشقا بەلگىلىك نەزەرىيەۋى ئاساس سېلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كەسىپداش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

«ھازىر بىز غول ھۈجەيرە نەزەرىيەسى بىلەن يەرلىك كېسەلنى دىياگنوز قويۇش-داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈشنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، يەرلىك كېسەلنى ئۈنۈملۈك داۋالاپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.» 1973-يىلى تۇغۇلغان بۇ ياش مۇتەخەسسىس يەنە يېڭى نىشانغا قاراپ ئاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى