تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قەلبىگە «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنى پۈكۈپ، يېمەك-ئىچمىكى رىتىمسىزلاشقان دوختۇر-سېسترالار ئالدىنقى يېرىم يىلدا 170 مىليون يۈرۈش ۋەيمەي بۇيرۇتتى

  قايسى توپ ۋەيمەي بۇيرۇتۇشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ئويلاپ يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. خىزمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە بۇ يىلدىكى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، دوختۇر-سېسترالار ۋەيمەي ئىستېمالىدىكى ئاساسلىق توپنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  8-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى مېيتۇەن «2020-يىللىق دوختۇرلار توپىنىڭ يېمەك-ئىچمەك دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دوختۇر-سېسترالارنىڭ ۋەيمەي زاكاز قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 170 مىليون يۈرۈشتىن ئېشىپ، بۇلتۇر پۈتۈن يىلدىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ ۋەيمەي زاكاز قىلىش ئومۇمىي مىقدارىغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى، ۋەيمەينىڭ دوختۇر-سېسترالارنىڭ دائىملىق غىزالىنىش شەكلىگە ئايلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  يۇقۇم مەزگىلىدە، كەڭ دوختۇر-سېسترالار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى، بىراق دەل مۇشۇنداق خىزمەت ئالاھىدىلىكى بىلەن، قەلبىگە «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنى پۈكۈپ، ئۆيىگە قايتالمىغان دوختۇر-سېسترالارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى رىتىمسىزلاشقان، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ۋەيمەي نۇرغۇن دوختۇر-سېسترالارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك غىزالىنىش تاللىشىغا ئايلانغان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل دوختۇر-سېسترالارنىڭ ۋەيمەي زاكاز قىلىش ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئۆرلىگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەتتە مىليوندىن ئارتۇق دوختۇر-سېسترا ۋەيمەي چاقىرغان، ۋەيمەي زاكاز قىلىش ئومۇمىي مىقدارى 170 مىليون يۈرۈشتىن ئېشىپ، 2019-يىلى پۈتۈن يىلدىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ ۋەيمەي زاكاز قىلىش ئومۇمىي مىقدارىغا يېقىنلاشقان.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا 150 مىڭ دوختۇر-سېسترانىڭ ۋەيمەي بۇيرۇتۇش قېتىم سانى 50 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە زاكاز قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى بىر دوختۇر جەمئىي 403 قېتىم ۋەيمەي بۇيرۇتقان بولۇپ، بۇ ھەر كۈنى 2.2 زاكازغا باراۋەر كېلىدىكەن.

  دوختۇرلار ھەمىشە ئاغرىقلارنى «يېمەك-ئىچمەكنى قانۇنىيەتلىك قىلىپ ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىپ، ساغلام بولۇش»قا ئەسكەرتىدۇ، بىراق ئۆزلىرى خىزمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ھەمىشە يېمەك-ئىچمەكنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشىغا ئامالسىز قالىدۇ، ئەمما دوختۇر-سېسترالار ۋەيمەي بۇيرۇتقاندا يەنىلا سۈپەتلىك، ساغلام، كۆپ خىللاشقان تاماقلارنى تاللىغان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دوختۇر-سېسترالار يەنىلا ئەتىگەنلىك تاماققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا دوختۇر-سېسترالار سائەت ئالتىدىن توققۇزغىچە بۇيرۇتقان ۋەيمەي زاكاز قىلىش مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %6.2كە يېتىپ، سۇپىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىدىن تەخمىنەن %2.5 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى