تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئېغىر كېسەللىك تېببىي مۇتەخەسسىسى دۇ بىن: ئۈرۈمچىدە يۇقۇم ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، لېكىن كۆپچىلىك سەل قاراشقا بولمايدۇ

   2020-يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، ئېغىر كېسەللىك تېببىي مۇتەخەسسىسى دۇ بىننىڭ مۇھىم خىزمىتى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش» بولدى، مەسىلەن ۋۇخەندىكى كۈنلەردە، ئۇ بارلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىدىغان دوختۇرخانىلار ئارىسىدا قاتراپ يۈردى، ئەڭ كۆپ بولغاندا، ئۇ بىر كۈندە بەش دوختۇرخانىنىڭ ICU كېسەلخانىسىنى ئايلىنىپ چىقىشى كېرەك ئىدى.

  ئەمدىلا 12-نۆۋەتلىك «جۇڭگو دوختۇرلار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن دۇ بىن بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەلىكلەر بۆلۈمى ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، شۇنداقلا ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان دۆلەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، بۇ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن يەنە ئاكادېمىك لى لەنجۈەن، ئاكادېمىك يۈەن گويۇڭ، ئاكادېمىك گاۋ فۇ، پىروفېسسور زېڭ گۇاڭ قاتارلىقلار بار.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، دۇ بىن (سولدىن 3-كىشى) ئاغرىقلار رايونىدا كېسەلخانىلارنى تەكشۈرمەكتە. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا تەمىنلىگەن سۈرەت

  7-ئاينىڭ 22-كۈنى، دۇ بىن ئۈرۈمچىگە كەلدى، ھازىرغىچە ICUدا بىر ئايغا يېقىن ئالدىراش بولدى. 8-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۇ بىن ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. «ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش دوختۇرلار ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىش.» دۇ بىننىڭ دېيىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت بىرىنچى سەپتە ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش بولۇپلا قالماستىن، يەنە تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىكەن.

  مۇخبىر: بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ سىز ئۈستىڭىزگە ئالغان ئاساسلىق خىزمەت قايسى؟

  دۇ بىن: مەن ئاساسلىقى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى داۋالىدىم. مەن دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئەۋەتكەن تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن كەلدىم، بىزنىڭ بۇ گۇرۇپپىدا ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىدىكى دوختۇرلاردىن باشقا، يەنە يۇقۇملۇق كېسەل بۆلۈمى، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلىرى بار.

      مۇخبىر: نۆۋەتتە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى قانداق؟

  دۇ بىن: ھازىر ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى ھەممىسى نەپەسلىنىش ئىقتىدارى مەسىلىسى، بەزىلىرى نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق، بەزىلىرى بەدەن سىرتىدىكى ھاياتلىقنىڭ قوللىشىغا تايىنىشقا ئېھتىياجلىق، بىزمۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىمىز.

  مۇخبىر: سىز ئىلگىرى ۋۇخەن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشقان، قايسى تەجرىبىلەرنى بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش-داۋالاشتا قوللاندىڭلار؟

  دۇ بىن: شۇنداق، ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى قوللاندۇق. مەسىلەن بىز داۋالاش بايلىقى يېتەرلىك بولغاندا، نەپەسلىنىشى ئاجىز ئاغرىقلار ياكى تۆۋەن ئوكسېگىنلىق ئېغىر ئاغرىقلارغا نىسبەتەن، ئاغرىقلارنى نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ بالدۇر سىناق قىلىش كېرەك. كېيىن بېيجىڭ، خېيلۇڭجياڭلارمۇ مۇشۇنداق تەدبىرلەرنى قوللاندى، ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىدا ناچار ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئادەتتىكىدەك ئوكسېگىن سۈمۈرۈش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالمىغاندا، يەنىلا نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ ياكى نەيچە كىرگۈزۈپ، ئاغرىقنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنى ئىمكانقەدەر ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىق كېرەك.

  مۇخبىر: يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۈگۈنگىچە، سىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا بولغان تونۇشىڭىزدا قانداق ئىلگىرىلەشلەر بولدى؟

  دۇ بىن: يېڭى بىر كېسەلگە يولۇقۇشتىن تارتىپ، بۇ خىل كېسەلنى تولۇق چۈشىنىشكىچە جەريان كېتىدۇ. شۇنچە كۆپ ئاغرىق مىساللىرىنى داۋالاش ئارقىلىق، بىز ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىزكى، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا بولغان تونۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ ئىلگىرىلەش بولدى، مەسىلەن، بۇ كېسەلنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئپىادىلىرى قايسىلار؟ ئۇ چېتىلىدىغان ئەزالار قايسىلار؟ ئەمما ھازىرغىچە، مەن يەنىلا بىز بۇ خىل كېسەلنى ھەقىقەتەن تولۇق چۈشەندۇق دەپ ئېيتالمايمەن، پەقەت ئۇنىڭ بىر قىسمىنى چۈشەندۇق دېيەلەيمەن، بىزنىڭ يەنە نۇرغۇن ھەل قىلمىغان گۇمانلىق سوئاللىرىمىز بار، مەسىلەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىز ئىلگىرى كۆرگەن باشقا ۋىرۇس ياللۇغى بىلەن شۇنچە كۆپ ئوخشىمايدىغان جايلىرى بار؟

  8-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، دۇ بىن ماسكىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، يۈزىدە ئىنتايىن روشەن بېسىلغان ئىزلار قالدى. مۇخبىر ياڭ گۇاڭ فوتوسى

  مۇخبىر: ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرى يۇقۇمدىكى ئېنىقسىزلىققا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟

  دۇ بىن: ئەمەلىيەتتە، ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇم ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.

  ئەمما كۆپچىلىك سەل قارىماڭلار، چۈنكى يەرشارىدىكى يۇقۇم ئەمەلىيەتتە پەسەيمىدى، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بېسىمىمىز ئەمەلىيەتتە بىر قەدەر چوڭ، ئەلۋەتتە كۆپچىلىك ئالاقزادە بولماسلىقى كېرەك، بەلكى تېخىمۇ ئىلمىي ھالدا چۈشىنىشى كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەلگە قارىتا، ئىككى تەرەپ بار: ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش، مېنىڭچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخىمۇ مۇھىم، ئەگەر ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جايىدا بولمىسا، ئاغرىقلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا، داۋالاش بايلىقى ھەرقانچە يېتەرلىك بولسىمۇ، ھامان يېتىشمەي قالىدۇ.

  مېنىڭچە ھەر دەرىجىلىك سەھىيە تارماقلىرى كەسپىي زاتلارنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا موھتاج، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىشتە، كۆپچىلىككە قانداق ئەھۋالدا ماسكا تاقاش كېرەكلىكى، قانداق ئەھۋالدا قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەكلىكى، قانداق سورۇنلاردا قايسى خىل مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش زۆرۈر ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

  مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى، مۇخبىرلار ۋاڭ جوۋ، ياڭ گۇاڭ سىنغا ئالغان.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى