تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياڭ يىنىڭ: مۇكاپاتقا ئېرىشىش شەخسنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، تېخىمۇ مۇھىمى بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارنى ئېتىراپ قىلغانلىق

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، باش مۇتەخەسسىس ياڭ يىنىڭ

8-ئاينىڭ 19-كۈنى 3-قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى، بۇ يىللىق «جۇڭگو دوختۇرلار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى ياڭ يىنىڭ ھازىر شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ش‍‍ۇجىسى، م‍‍ۇئاۋىن د‍وخت‍‍ۇرخانا باشلىقى، ش‍‍ۇنىڭ ب‍‍ىلەن ب‍‍ىللە، ب‍‍ۇ يىل يۇقۇمدىن بۇيان، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى قۇتقۇزۇش-داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش مۇتەخەسسىس ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يۇقۇمغا قارشى «جەڭ»نىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى. دوختۇرلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مۇخبىر ياڭ يىنىڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ، بۇ شان-شەرەپنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان جاپالىق ئەجرى ۋە چىڭ تۇرغان غايىسىدىن ئورتاقلاشتى.

مۇخبىر: بۇ يىل 1-ئايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، سىز يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى قۇتقۇزۇش-داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىنى قانداق ئۈستىڭىزگە ئالدىڭىز؟

ياڭ يىنىڭ: يىل بېشىدا يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش گۇرۇپپىسى قۇردى، ئەينى چاغدا ئەھۋال بىر قەدەر جىددىي بولۇپ، خەۋپ-خەتەر ئالدىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالدىم، دېيىشكە بولاتتى. بىز ئىلگىرى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى مۇرەككەپ، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى تەشكىللىگەن ۋە قاتناشقان، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك تەجرىبىمىز بار.

ئەينى چاغدا مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىتا پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبە يوق بولسىمۇ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، مۇداپىئە سېپىنى ئالدىغا سۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قىلىپ قۇرۇپ، نۇرغۇن دوختۇرخانىدىكى ئېغىر نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، يۇقۇملىنىش، سۈرەتكە ئېلىش، جۇڭگو تېبابىتى قاتارلىق كەسىپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر يىغىلىپ، ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتا، كۆپچىلىك بىرلىكتە قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، يەنە يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش سۇپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئورۇنلىرىغا يۈزلەندۈرۈپ، ھەر بىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى ئېنىق دىياگنوز قويۇش ۋە قۇتقۇزۇپ-داۋالاشقا قاتناشتى.

مۇخبىر: ئالدىنقى قېتىم پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقۇم تىزگىنلەنگەندە، قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە قانداق ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؟

ياڭ يىنىڭ: ئەينى چاغدا نۇرغۇن داۋالاش ئورۇنلىرى بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەجرىبىسى يېتەرسىز ئىدى، مەسىلەن، مۇداپىئە كىيىمى كىيىش، سېلىش، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، ئۈچ رايون، ئىككى يول قۇرۇش، قىزىغان ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە دوختۇرخانا يۆتكەش قاتارلىقلاردا ئانچە پىششىق ئەمەس ئىدى. بىزمۇ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆگەندۇق، دۆلەت ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى كۆرسەتمىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى ۋە مەشغۇلات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 15 مەشغۇلات قېلىپلاشقان تەرتىپىنى تۈزۈپ چىقتۇق، يىراق مۇساپىلىق سۇپىدىن پايدىلىنىپ 24 سائەت دومىلىما تەربىيەلەش ئېلىپ باردۇق، ناھىيە دەرىجىلىك، يېزا دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارمۇ ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلالايدىغان بولدى.

ئەينى چاغدا مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىمىز دائىم چۈشلۈك تاماق يېيىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي، بىر ئولتۇرۇشتا يەتتە-سەككىز سائەت ئىشلەپ، ۋىلايەت، ئوبلاستلار داۋالاشقا قوبۇل قىلغان ھەربىر ئاغرىقنىڭ ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىشتە چىڭ تۇردى، يەنە كوللېكتىپىمىزدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ-داۋالاشقا ئەۋەتتۇق. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ-داۋالاشقىچە، بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.

مۇخبىر: ئالدىنقى قېتىملىق يۇقۇمدىن ئېرىشكەن تەجرىبىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە قانداق ياردىمى بولدى؟

ياڭ يىنىڭ: بۇ قېتىم يۇقۇم بىرقەدەر تېز يۈزبەردى، تارقىلىش سۈرئىتى تېز، تەسىر دائىرىسى بىرقەدەر چوڭ بولدى، مېنىڭچە ھەممە ئادەم ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. ئالدىنقى قېتىملىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا توپلانغان تەجرىبىلەرنىڭ رولى ناھايىتى زور بولدى، بىز ھازىر «ئىلمى قۇتقۇزۇش-داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش»تا چىڭ تۇرۇپ، تۆت بالدۇر، تۆتنى قىلماسلىق، تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەدرىجى ئىزدىنىش جەريانىدا يېتىلگەن تەجرىبىلەر. مەسىلەن، بىز ئىلگىرى ئېلىپ بارغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە مانېۋىرى، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا تەسىس قىلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونى تەسىس قىلىش قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لايىھەسى بار، شۇڭا يۇقۇم يۈزبەرگەندە تېزدىن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى چىقىرالايمىز ھەم يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيمىز.

دوختۇر-سېسترالار كۈچى جەھەتتە، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ياردىمى بىلەن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىزنى زور دەرىجىدە قوللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بەرگەن داۋالاش ئەترىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە دوختۇر-سېسترالار، شىنجاڭدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئارىلاشما ئەترەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، پېشقەدەملەر يېڭىلارنى يېتەكلەپ، جەڭگىۋار كۈچنى مۇجەسسەملىگەن «يادرولۇق كۈچ»نى شەكىللەندۈردى. تەجرىبىسى مول كوللېكتىپ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى تېخىمۇ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇردى. يازدا دوختۇر-سېسترالار مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ بەش، ئالتە سائەت جاپا تارتقان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالاقزەدە بولماي، تەشۋىشلەنمەي، ھەممىسى ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى.

مۇخبىر: سىز بۇ قېتىم «جۇڭگو دوختۇر مۇكاپاتى» شەرىپىگە ئېرىشتىڭىز، قانداق ئورتاقلىشىدىغان تەسىراتىڭىز بار؟

ياڭ يىنىڭ: شىنجاڭنىڭ داۋالاش ساھەسىدە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر كىشىلەر بار، مەن پەقەت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان دوختۇر-سېسترالارنىڭ بىر ۋەكىلى، مۇكاپاتقا ئېرىشىش مېنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق دوختۇر-سېسترالارنى ئېتىراپ قىلغانلىق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقان «ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش» بىز دوختۇرلارنىڭ كەسپىي روھىنىڭ مۇپەسسەل يەكۈنى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ھەقىقىي نامايان بولدى، مېنىمۇ ئەتراپىمدىكى تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە كوللېكتىپ ھەر ۋاقىت تەسىرلەندۈرمەكتە.

مۇخبىر: بۇنىڭدىن باشقا، سىز گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس، دۆلەتنىڭ مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىغا تاللاندىڭىز، چەت ئەلگە ياكى ئىچكىرىگە بېرىپ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىڭىزمۇ كۆپ، سىزنىڭ شىنجاڭدا قېلىشقا چىڭ تۇرغانلىقىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى؟ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق پىلانىڭىز بار؟

ياڭ يىنىڭ: مەن شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ماگىستىر، دوكتورلۇقنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭدا ئوقۇدۇم، گەرچە چەت ئەلدە ئوقۇغان، زىيارەتچى ئالىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان، شۇنداقلا ئىچكىرىدە ئوقۇغان تارىخىم بولسىمۇ، بىراق ئۆزۈمنى شىنجاڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن تېببىي خادىم دەپ قارايمەن، بۇ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان زېمىندا قېلىش مېنىڭ قەتئىي تاللىشىم.

مەن يۈرەك قان تومۇرى كەسپىنى قىزغىن سۆيىمەن، شىنجاڭنىڭ رايون، مۇھىتى ئالاھىدە، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادىتىمۇ ئۆزگىچە كېسەللىك تىزىملىكىنى شەكىللەندۈردى، مەسىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇمسىز يۈرەك-مېڭە قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىقىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم. مېنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ۋە نۇرغۇن يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى كەسپىدىكى پېشقەدەملەر بىر ئۆمۈر شىنجاڭنىڭ يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېخنىكىنى تارقىتىپ، بۇ پەننى غەربىي شىمالدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 20نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنتايىن ياخشى ئاساس سالدى، ئۆزۈمنىڭمۇ شىنجاڭ پۇقرالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش يولىدا تېخىمۇ ئۇزۇن مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

داۋالاش تېخنىكىمىزنىڭ ئ‍‍ۈزلۈكسىز ي‍‍ېڭىلىق ي‍‍ارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، ش‍‍ىنجاڭدىكى ھ‍‍ەر م‍‍ىللەت ئ‍‍اممىنى «چوڭ ك‍‍ېسەل ش‍‍ىنجاڭدىن چ‍‍ىقماسلىق»تىن، ئ‍‍ەلا س‍‍ۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش، مانا بۇ مېنىڭ قەلبىمدىكى ئىنتىلىش ۋە غايە.

(كاڭ خاۋيەن، لۈ يىخەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى