تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دوختۇر-سېسترالار بىلەن ئاغرىقلار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇم بىلەن ئېلىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 12:30دا، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 5-قەۋەت 5-ئاغرىقلار رايونىدىكى سېسترالار چۈشلۈك تاماق تارقىتىشقا تەييارلاندى، «ئاكام دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۈگۈندىن باشلاپ تاماق تارقىتىشقا مەن ياردەملىشىمەن» بىر ئاغرىق تاماق ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ، سېسترالار بىلەن بىرلىكتە كېسەلخانىغا چۈشلۈك تاماق تارقاتقىلى ماڭدى.

  ئاغرىق دەۋاتقان ئاكىسى بۇ يىل 49 ياشتا بولۇپ، 5-بىنا 5-ئاغرىقلار رايونىدىكى دوختۇر-سېسترالار، ئاغرىقلار ئورتاق ئېتىراپ قىلغان «قىزغىن» كىشى ئىدى، ئاغرىقلار رايونىغا كىرگەن 3-كۈنىدىن باشلاپلا ئۇ سېسترالارنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلانغانىدى. «ئۇ ئاۋۋال بىزنىڭ ئۈچ ۋاق تاماق تارقىتىش ۋاقتىمىزنى خاتىرىلىۋېلىپ، مەخسۇس كارىدوردا تاماق ھارۋىسىنى ساقلاپ تۇراتتى، ھەر كۈنى بارلىق كىشىلەرگە تاماق يەتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن تامىقىنى يەيتتى» دېدى ئاغرىقلار رايونىنىڭ سېسترالار باشلىقى ۋاڭ تىڭتىڭ.

ۋاڭ تىڭتىڭ (سولدىن 2-كىشى) ۋە ئاغرىقلار رايونىدىكى خىزمەتداشلىرى.

  ئاغرىقلار رايونىدىكى ئەڭ جاپالىق ئىش كارىدور تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت، سېسترالار مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ ئىش قىلغاندا، ئىنتايىن قىينىلىدۇ، «ھەر قېتىم بىز پول سۈرتكۈچنى يۇيغاندا، ھېلىقى قىزغىن ئاكا ياردەملەشكىلى كېلەتتى، ئۇ كۆپ گەپ قىلمايتتى، ئەمما قىلغان ئىشى قەلبىمىزنى ئىللىتاتتى» دېدى ۋاڭ تىڭتىڭ.

  ئارقا-ئارقىدىن ئون نەچچە ساقايغان ئاغرىقنى ئۇزىتىپ قويۇپ، ۋاڭ تىڭتىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولدى، ئەمما ئۇزاق بىللە تۇرغاچقا، ئۇلارنى ئەسلەپمۇ قالاتتى. «بىزنىڭ ئاغرىقلار رايونىمىزدا بىر جۈپ ئانا-بالا بار، قىزى ئىنتايىن زېرەك، بىر جۈپ چوڭ كۆزلىرى ئىنتايىن چىرايلىق، ئاپىسىنىڭ مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، قىزىنى باشلاپ ئاغرىقلار رايونىنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇۋېتەتتى، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ خۇشاللىقى ئىدى» دېدى ئۇ.

ئاغرىقلار رايونىدىكى سېسترالار.

  ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇز ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت بەش كۆپچىلىكنىڭ پائالىيەت ۋاقتى بولۇپ، بۇ ئانا-بالا ئەڭ ئاۋۋال كېسەلخانىدىن چىقىپ، يان تېلېفونىنى كارىدوردىكى لەنيا ياڭراتقۇسىغا چېتىپ، مۇزىكا قويۇشقا باشلايدۇ، ھەر كۈنى قويۇلغان مۇزىكىلار ئوخشىمايتتى، شىنجاڭ ئۇسسۇلىدىن باشقا، ئۇلار يەنە ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناشنىمۇ بىلەتتى، ئانا-بالا ئىككىيلەن ئويناشنى باشلىسىلا، ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى كېسەلخانىلاردىن چىقاتتى، كۆپچىلىك بىر-بىرى بىلەن بىر مېتىردىن ئارىلىق قالدۇرۇپ ئۇسسۇل ئويناشقا باشلايتتى. ئانا-بالا ئۇسسۇلنى ياخشى ئويناپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە كۆز ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى ياخشى كۆرەتتى، «ئاغرىقلار رايونىدا ئاغرىقلارنىڭ كەيپىياتى ناچار ۋاقىتتا، بۇ ئانا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەسەللىي بېرىپ، ئۇلارغا ناخشا ئېيتىپ، يۇمۇر سۆزلەپ بېرەتتى، ئۇ نەگە بارسا كۈلكە ئاۋازى شۇ يەردە ئىدى» دېدى ۋاڭ تىڭتىڭ، «ھېلىقى كۈنى ئۇ ئىككىيلەن دوختۇرخانىدىن چىققاندا، بىز ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، ھەم ئىنتايىن خۇرسىندۇق».

جاڭ تاۋ.

  «بىزنىڭ ئاغرىقلار رايونى قوبۇل قىلىپ داۋالىغانلار ئادەتتىكى تىپلىق ئاغرىقلار بولۇپ، ئادەتتىكى پەرۋىشتىن باشقا، بىزنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغىنىمىز ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشتىن ئىبارەت، ئاغرىقلار بىلەن ئايرىلغاندا ئاندىن، ئۇلارنىڭمۇ قەتئىي ئىرادە ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن بىزنى قوللاۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ خىل ئىككى تەرەپتىن كەلگەن كۈچ ئىنتايىن ئىللىق بولىدىكەن» دېدى 5-بىنا 5-ئاغرىقلار رايونىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر جىگەر كېسىلى مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ تاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى