تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 32-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تاڭ خېڭيى مۇنداق دېدى: 2021-يىللىق ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت ئىزدەش، پىراكتىكا قىلىشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدە پىراكتىكا قىلغان مەزگىلدىكى ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى 2021-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ پىراكتىكا قىلىدىغان ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا پىراكتىكا قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۈرلۈك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ (ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لەر بىلەن پىراكتىكا قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىشىغا ئىلھام بەردى، پىراكتىكا قىلغان ئورۇن پىراكتىكانتقا كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى سېتىۋالىدۇ ھەم ھەربىر كىشىگە ھەر ئايدا 600 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بېرىدۇ، پىراكتىكا قىلغان ئورۇن تاماق بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، مەزكۇر ئورۇنغا ھەربىر كىشىگە ھەر ئايدا 600 يۈەنلىك تاماق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ تاماق بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار 600 يۈەنلىك تاماق ياردەم تولۇقلىمىسىنى شەخسكە تارقىتىپ بېرىدۇ، ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ چېكى پىراكتىكا مۇددىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئىشقا ئورۇنلىشىش، پىراكتىكا قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن «ئاۋۋال تارقىتىش كېيىن تولۇقلاش» ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش قوللىنىلغان بولۇپ، پىراكتىكانتنىڭ پىراكتىكا مۇددىتى توشۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، پىراكتىكا قىلغان ئورۇن كېيىنكى ئايدا مەلۇم قىلسا بولىدۇ. پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىلتىماس قىلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئاۋۋال تۇرۇشلۇق رايون (ناھىيە)لۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، رايون (ناھىيە)لۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مالىيە تارماقلىرى دەسلەپكى تەكشۈرۈش، قايتا دەللىلەشتىن كېيىن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىغا يوللايدۇ، شەھەرلىك مالىيە تارماقلىرى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللەش نەتىجىسىگە ئاساسەن مەبلەغنى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لۇق مالىيە تارماقلىرىغا ئاجرىتىپ بېرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لەر ۋاقتىدا مەبلەغنى ھەرقايسى پىراكتىكا ئورۇنلىرىغا ئاجرىتىپ بېرىدۇ.
ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا ئەھۋالى ۋە ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش ئۈچۈن، تېلېفوندا قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇش شەكلى ئارقىلىق ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، ھەم جەمئىيەتكە نازارەت قىلىش تېلېفونى: 4639654 - 0991نى ئاشكارىلاپ، پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ ئاي بويىچە تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئىنكاس قىلىنغان ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىدۇ.