8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىدا، دوختۇر-سېسترالار قوللىرىدا «دوختۇرلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تېببىي خادىملارغا بايراملىق بەخت تىلىدى.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 3-قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى، بۇ يىلقى دوختۇرلار بايرىمىنىڭ باش تېمىسى «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش». يۇقۇم ئالدىدا، ئۈرۈمچىدىكى تېببىي خادىملار بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى. بۇ ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا، ئۇلار ھەر قېتىم ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بەيگىگە چۈشۈپ، ھەر قېتىمدا كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇلاققا يېقىشلىق ئاق خالاتلىق پەرىشتە دېگەن يارقىن ئىسمى بار. (مۇخبىر چېن يەن فوتوسى)