ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 32-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ باشلىقى يەن جۈن شەھەر ئاھالىلىرىنى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا قوللىنىلغان تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى.
بىرىنچىدىن، گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ مال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇش چىڭ تۇتۇلدى. مال مەنبەسى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، كالا، قوي، چوشقا، توخۇ گۆشى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كۆپ خىل يول ئارقىلىق، كۆپ تۈرلۈك كاپالەتلىك قىلىندى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندىلىك سويۇپ تەمىنلەش مىقدارى 220 توننا ئەتراپىدا مۇقىملاشقان بولۇپ، باشقا جايلاردىن كۈنىگە 80 توننا ئەتراپىدا يېڭى قوي گۆشى يۆتكەپ كېلىنىپ، كۈنىگە 300 توننا ئەتراپىدا يېڭى گۆش بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىغان بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە كالا، قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ، يۇقۇم يۈزبېرىشتىن ئىلگىرىكى بىلەن تەڭلەشتى، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
ئىككىنچىدىن، گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت، تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى، ئەشيا ئوبوروتى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ كارخانىلىرى قۇشخانا، توپ سېتىش بازارلىرىدىن مەھەللە سېتىش نۇقتىلىرىغىچە بولغان ئەشيا ئوبوروتى كاپالىتى يوللىرىنى قۇرۇشقا تەشكىللىنىپ، ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار ئەلا مۇلازىمەتلىك ھەرىكەتچان كاپالەت ئاپتوموبىل ئەترىتى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، ھەربىر تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتىغا بىردىن كاپالەت ئاپتوموبىلى ۋە شوپۇر سەپلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، مىدۇڭ رايونىدىن ئىبارەت ئالتە رايونغا سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى سەپلەپ بېرىلىپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىندى. نۆۋەتتە، ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لاردە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىيانشان رايونىغا 52 توننا، سايباغ رايونىغا 55 توننا، شىمىگۇ رايونىغا 45 توننا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا 26 توننا، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)غا 75 توننا، مىدۇڭ رايونىغا 42 توننا، داۋانچىڭ رايونىغا ئۈچ توننا، ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە تۆت توننا گۆش تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىلدى.
ئۈچىنچىدىن، گۆش مەھسۇلاتلىرى دەل جايىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈلدى. گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئايرىپ يەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئايرىپ يەتكۈزۈپ بېرىش، ھۆددىگە ئېلىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، شەھەرلىك ھەر دەرىجىلىك سودا تارماقلىرى مەھەللىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار، پىدائىيلارنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، ئۇلار ئاھالىلەر ۋېيشىن توپى، بىنا ۋېيشىن توپى، تېلېفون قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئاھالىلەرنىڭ گۆش مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئالدىنئالا يىغىپ، ئۇچۇرلارنى ئىستاتىستىكىلاپ يۇقىرىغا يوللاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كاپالەت ئاپتوموبىللىرىنى ئۈزلۈكسىز دەل جايىدا تولۇقلاپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈردى.
تۆتىنچىدىن، ئالاھىدە رايون ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى گۆش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. ۋاقىتلىق چېدىر تىكىش، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى قاتنىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كېڭەيتىلگەن 2014 كاپالەت نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، دائىملىق ئۆزى سېلىۋالغان ئۆي قاتارلىق رايونلارغا گۆش مەھسۇلاتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىپ، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى باش بولۇپ تەشكىللەپ، مۇۋاپىق پەيتتە پۈتۈن شەھەردىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ۋاقتىدا يېڭى گۆش ھەقسىز تارقىتىلدى، نۆۋەتتە 104 توننا يېڭى گۆش ھەقسىز تارقىتىلىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار 9223 ئائىلىگە نەپ يەتكۈزۈلدى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممنىڭ ئېھتىياجى سىجىل قاندۇرۇلدى.
بەشىنچىدىن، گۆش مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. يۇقۇم مەزگىلىدە گۆش مەھسۇلاتلىرى باھاسىدا داۋالغۇش بولۇپ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى گۆش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش جەھەتتىكى تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىدىغان بېكىتىلگەن سويۇش كارخانىلىرى، توپ سېتىش بازىرى ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەش كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى تۆۋەنلەتتى، نۆۋەتتە تۈرلۈك گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىش باھاسى تەكشى، مۇقىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ پارچە سېتىش باھاسىغا چەك قويۇلدى، بازاردىكى قوي گۆشىنىڭ پارچە سېتىش باھاسىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ 70 يۈەن بولۇش، بۇنىڭ ئىچىدە قوي گۆشىنىڭ ئالدى پۇت بويۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 70 يۈەن، ئارقا پۇت دۈمبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 75 يۈەن، قوي قوۋۇرغىسىنىڭ ھەر كىلوگرامىىنىڭ باھاسى 65 يۈەن؛ كالا گۆشىنىڭ بازاردىكى پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ 75 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە كالىنىڭ پاچاق گۆشى(ئالدى-ئارقا پاچاقنىڭ مايلىق، مايسىز يېرى تەڭشەلگەن ھالدا مېيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 78 يۈەن، كالىنىڭ پەش گۆشى(ئالدى-ئارقا پەش گۆش تەڭشىلىدۇ) ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 72 يۈەن؛ چوشقا گۆشىنىڭ بازاردا پارچە سېتىلىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 50 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، چوشقا چوڭ سۆڭىكىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 28 يۈەن، سۆڭەكسىز قىسمى ئارقا پاچاق گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 52 يۈەن، مېيى بىلەن گۆشى قەۋەتلىنىپ كەلگەن گۆشنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 55 يۈەن، چوشقا قوۋۇرغىسىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 55 يۈەن بولۇش تەلەپ قىلىندى.
ئالتىنچىدىن، پۈتۈن جەريانلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «خاتىرجەم گۆش، بىخەتەر گۆش» يېيىشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلدى، باقمىچىلىق ھالقىسىدىلا ئىممۇنىتېتلىق كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، سويۇش ھالقىسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەيدانغا كىرگەن ئاپتوموبىل ۋە زاۋۇت ئىچى مۇھىتىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى مەيدانغا كىرگۈزگەندە تەكشۈرۈش، سويۇشنى كۈتۈش جەريانىدا چارلاپ تەكشۈرۈش، سويۇش جەريانى، شۇنداقلا مەھسۇلاتلارنى كارانتىن قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازارغا سېلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۆش يېمەكلىكلىرىنى سېتىش ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ھالقىلىرىدا تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەرياندا بوشاشتۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سېتىش، توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلىدى؛ مەھەللە سېتىش نۇقتىسىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن سىرتقى ئورالمىسى دېزىنفېكسىيە قىلىندى. تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خادىملىرى ماسكا تاقاپ ۋە مۇداپىئە پەلىيى كىيىپ، ئۇچراشماي يەتكۈزۈپ بېرىش شەكلىنى قوللىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزى ئالالايدىغان نۇقتىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى.
ئاھالىلەرنى گۆش يېمەكلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى مەھەللىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار، پىدائىيلارنى خەلققە قولاي مۇلازىمەت ۋېيشىن توپىغا كىرگۈزۈپ، ھەر كۈنى ئاھالىلەرنىڭ تۈرلۈك گۆش مەھسۇلاتلىرى باھاسىنى پاش قىلىش ۋە ئېھتىياج ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىپ ھەمدە ئۇچۇرنى بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ۋە سودا تارماقلىرىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدى. بىر تەرەپتىن ئاھالىلەرنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، گۆش باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بەردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئېھتىياجغا قاراپ تەڭشەپ تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۆش مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇردى.