تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەھەللىگە 10 مىڭ ماسكا ئىئانە قىلىش ___ پىدائىي جۇ شاۋمىن يەنە بىر ياخشى ئىش قىلدى

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چىن جىنلى): «ھەدە، بۇ ئۆيىڭىزدىكى بەش ئادەمگە تارقاتقان ماسكا، بۇندىن كېيىن ئىشىكنى ئاچقاندا چوقۇم ماسكا تاقاڭلار.» 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى دىباڭ تەۋەلىك رايونى دوڭشېڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاۋ خانىم مەھەللە خىزمەتچىسى ليۇ جىڭ ئېلىپ كەلگەن بىر بولاق داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر بىر قېتىملىق ماسكىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ بۇ ماسكىلارنى مەھەللىدىكى جۇ شاۋمىن ئىئانە قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، قايتا-قايتا «رەھمەت» دېدى. ئىككى كۈندىن بۇيان، دوڭشېڭ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ئارقا-ئارقىدىن مېھىر-شەپقەت ماسكىسى تاپشۇرۇۋالغانىدى.

جۇ شاۋمىن مەھەللىگە ماسكا ئىئانە قىلماقتا.(ئىختىيارىي مۇخبىر لېي تىڭ فوتوسى)
جۇ شاۋمىن ۋە ئۇ ئىئانە قىلغان ماسكا.(ئىختىيارىي مۇخبىر لېي تىڭ فوتوسى)

  «بۇ مېنىڭ ئازراق كۆڭلۈم، مەھەللىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جۇ شاۋمىن. 40 ياشلىق جۇ شاۋمىن دوڭشېڭ مەھەللىسى مىڭتيەن شياۋجېن قورۇسىدا ئولتۇرىدۇ، يۇرتى خېنەندە، ئۇ شىنجاڭدا تىجارەت قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغانىدى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇ شاۋمىن پىدائىي بولۇپ، ئىزچىل 15-بىنادىكى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەسئۇل بولدى. «ھازىر ھاۋا ئىسسىق، مېنىڭچە مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى، مەسىلەن ماسكىنى تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا مەن بىر تۈركۈم مۇداپىئە بۇيۇملىرى ئىئانە قىلىشنى ئويلىدىم.» جۇ شاۋمىننىڭ خېنەندە بىر داۋالاش مۇداپىئە بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتى بار، 10 كۈن ئىلگىرى ئۇ زاۋۇتقا 10 مىڭ ماسكا تەييارلاپ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىشنى ئۇقتۇرغانىدى. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ماسكا مەھەللىگە يېتىپ كەلدى.

  ليۇ جىڭ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، جۇ شاۋمىن پىدائىيلار سېپىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاھالىلەرگە نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، ھازىر كۆپچىلىككە ماسكا ئىئانە قىلىپ يەنە بىر چوڭ ياخشى ئىش قىلدى. جۇ شاۋمىن ئىئانە قىلغان ماسكىنىڭ بىر قىسمى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا، قالغانلىرى ئاھالىلەرگە تارقىتىپ بېرىلدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ