تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8- ئاينىڭ 16- كۈنى يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆرۈلمىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيانىڭ 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نۆل، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بىر بولغان. بۇ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم ئەھۋالىدا تۇنجى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى دوكلات قىلىنغاندىن بۇيان، كۈندىلىك يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ تۇنجى قېتىم نۆل بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىغا دائىر دوكلاتتۇر.

نۆل ئېشىش نۆل خەۋپ - خەتەرگە تەڭ ئەمەس. ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، بەلگىلىك ئېنىقسىزلىققا ئىگە، قايتا كۆرۈلۈش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. نۆۋەتتە يەنىلا 9000دىن ئارتۇق يېقىندىن ئۇچراشقۇچى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ، يەنە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 126 يۇقۇملانغۇچى بار، كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە داۋاملىق يېڭىدىن دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.

تاڭ نۇرى قانچە يېقىنلاشقانسېرى، بىپەرۋالىق قىلىشقا شۇنچە بولمايدۇ. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى مەھەللىلەر تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشى؛ كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ھوشيارلىقنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماي، ئۆزى مۇداپىئەلىنىشنى ئىلمىي ياخشى قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلەپلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، قاتتىق رىئايە قىلىشى، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ھەرگىز يوققا چىقارماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى