تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوختۇرلار قوشۇنىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى سۇ لۇپىڭ، چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، يۇقىرى دەرىجىلىك تېببىي ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوختۇرلار قوشۇنىنىڭ كەسپىي ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا رويخەتكە ئېلىنغان دوختۇر 67 مىڭ 400گە يەتكەن. سان ئۈزلۈكسىز كۆپىيىش بىلەن بىللە، دوختۇرلارنىڭ تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، قوشۇنى سىجىل ئەلالاشقان.

دۆلەت داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىنى يولغا قويۇپ، «دوختۇرخانا بۆلۈمنى ھۆددىگە ئېلىش» ۋەكىللىكىدىكى دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى «قوش ئۆستۈرۈش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «كوللېكتىپ كوللېكتىپنى يېتەكلەش، مۇتەخەسسىسلەر تايانچلارنى يېتەكلەش، ئۇستازلار شاگىرتلارنى يېتەكلەش» ۋەكىللىكىدىكى دوختۇرلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى «قايتا تاۋلاش» ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى «يەرلىكلەشتۈرۈش»كە پائال تۈرتكە بولۇپ، شۆيۈەن بىلەن تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈش، شۇ جايدىكى كەسپىي تايانچلارنى ياردەم بېرىدىغان دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، تۈرلۈك لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەرتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى دوختۇرلارنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

مۇنەۋۋەر كىلىنىكىلىق تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز تېببىي ماگىستىرلىق كەسپىي ئۇنۋانى ئاسپىرانتلار مائارىپىنى كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، كىلىنىكىلىق ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان كۇرسانتلارنىڭ تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە ئاسپىرانتلىققا ئوخشاش ئوقۇش تارىخىغا ئىلتىماس قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېبابەت بىلەن مائارىپنىڭ ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كىلىنىكىلىق تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 3 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش شەكلى» «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە ياردەم بېرىشى، يۆلىشى ئارقىلىق، «ناھىيە، يېزا بىر گەۋدىلەشكەن، يېزا - كەنت بىر گەۋدىلەشكەن» مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. «ناھىيە تەكلىپ قىلىش، ناھىيە باشقۇرۇش، يېزا ئىشلىتىش»نى يولغا قويۇپ، تەكلىپ قىلىش، تۇرۇشقا ئەۋەتىش، ئىش ئورنىدىكى خادىملارنى تەربىيەلەش، ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن، يېزا - كەنت دوختۇرلىرىنى نىشانلىق يېتىشتۈرۈش، كەسپىي ئىشتاتلىق يېزا - كەنت دوختۇرلىرىنى تەكلىپ قىلىش، يىراق مۇساپىلىك داۋاملاشما تېببىي مائارىپ مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كەنت دوختۇرلىرى بوشلۇقىنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەمتۈكلۈكلىرىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 200 مىڭغا يېقىن داۋالاش، سەھىيە خىزمەتچىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، تېببيى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئاساسىي مۇداپىئە ۋە ساغلاملىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم چوڭ سىنىقىدا، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغداش بىلەن بىللە، تېزدىن ئۆزىنى چېنىقتۇردى، يۈكسەلدۈردى.

«بۇ قېتىم بىز دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە ئاغرىقلارنى قۇتقۇزدۇق، داۋالىدۇق، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەر كۈنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە ياتاق تەكشۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللىك تېببىي 2 - بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما لۇڭ مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاغرىقلارنى داۋالاش لايىھەسىنى قاتتىق تۈزۈشى، قاتتىق ئىجرا قىلىشى، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل تېببىي پوزىتسىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا قاتناشقان تېببىي خادىملارنى تېپىلغۇسىز ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭدىن شىنجاڭدىكى ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش كوللېكتىپىدىكى بارلىق تېببىي خادىملار كۆپ نەپكە ئېرىشتى، «بىز ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي تۈرتكىچىلىرىدىن، ھەر مىللەت ئامما ساغلاملىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن، تېبابەت پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بوشاشماي يول ئاچقۇچىلىرىدىن بولۇپ، ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى