تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەۋپ - خەتەر تېخى تۈگىمىدى، يەنىلا قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ

شېن ياپىڭ

بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمدىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە كۈندە يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى تۇنجى قېتىم نۆل دوكلات قىلىندى، بۇ خەۋەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركەزنىڭ روھى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇ بىزنى بارلىق جاپا - مۇشەققەتنىڭ بىكارغا كەتمەيدىغانلىقىغا، تىرىشساقلا جاۋابقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشەندۈردى. ئەمما، «نۆل يېڭىدىن كۆپىيىش» خەۋپ - خەتەرنىڭ تۈگىگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىزنىڭ يەنىلا قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە 300دىن ئارتۇق ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بار، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا يېڭىدىن كۆپىيىۋاتىدۇ، يەنە 9000دىن ئارتۇق ئادەم تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ. بىز جەزمەن سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەنىلا كەسكىنلەشكەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. بۇ چاغدا، ئىدىيە جەھەتتىكى ھەرقانداق بوشاڭلىق، ھەرىكەت جەھەتتىكى ھەرقانداق بىپەرۋالىق ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا يانتاياق بولغانلىق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇپ بەرگەنلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان تىرىشچانلىقلارنى يوققا چىقىرىشى مۇمكىن.

بۇ مەزگىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش - ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە غايەت زور تۆھپە قوشتى. ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چىدىۋېتەيلى، يەنە چىدىۋېتەيلى!

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بىخۇدلۇق قىلماي، بوشاڭلىق قىلماي، بىپەرۋالىق قىلماي، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرەيلى.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى